خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يەمەن رەئىسى سالىھ 2011-يىلى3-ئىيۇن جۈمە كېچىسى قارارگاھىدا يۈز بەرگەن بومباردىماندا، ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان، يۈزى ۋە بويۇنلىرى كۆيۈپ كەتكەن. ھازىر ئېلى ئابدۇللا سالىھ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا داۋالىنىۋاتماقتا ئىكەن. تەن ساقلىقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە يەمەنگە قايتىدىكەن.
يەمەن رەئىسى ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتى
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىنقىلابچىلارنىڭ بىردىن-بىر قوللىغۇچىسى ۋە مەشھۇر ئەھمەر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى سادىق ئەھمەرنىڭ ئۆيىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. مەزكۇر بومباردىماندا سادىق ئەھمەرنى ئۆلتۈرۈش پىلانلانغان بولسىمۇ، قەبىلە باشلىقى بۇ ھۇجۇمدا ساق قالغان ۋە ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ قارارگاھىنىمۇ شۇنداق بومباردىمان قىلىپ، ئىبرەتلىك ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن. راست دېگەندەك، ئارىدىن بىر ھەپتىمۇ ئۆتمەستىن، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ قارارگاھى بومباردىمان قىلىنىپ، رەئىستىن باشلاپ خېلى كۆپ مەسئۇللار يارىلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەرمۇ بار ئىكەن. ئەھمەر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بومباردىماننىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.
يەمەندىن كەلگەن بۈگۈنكى خەۋەردە، ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ مۇئاۋىنى دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرماقتا، ئەھمەر قەبىلىسىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ ئادەم سەۋەبلىك مەزكۇر قەبىلە بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۈلھىسى بۇزۇلغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىكەن. چۈنكى سادىق ئەھمەرگە كۆرە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سۈلھىنى بۇزغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن.
يەمەنلىكلەر رەئىس سالىھنى خالىمايدۇ
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يەمەندىكى مۇخبىرى ئەھمەد شەلەفى 2011-يىلى7-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يەمەن رەئىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يەمەندىكى نامايىشچىلار ھەر تەرەپتە خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلغان ئىدى. بۈگۈن رەئىس سالىھنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى داۋالىنىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەمەنگە قايتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىشى بىلەن نامايىشچىلار يەمەن رەئىسىنىڭ يەمەنگە قايتىشىغا قارشى مىليون كىشىلىك نامايىشقا چىقىشقا تەييارلانماقتا.»