32 يىلدىن بۇيان يەمەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئابدۇللاھ سالىھنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ياخشىلىنىشى، ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشىنى مەقسەت قىلغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش 79 كۈندىن بۇيان داۋام قىلماقتا.
ئاناتولىيە ئاخباراتىنىڭ يەمەندە خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلار ئىنقىلابى خالىسانە دوختۇرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد ئايدەرۇستىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش باشلانغان 79 كۈندىن بۇيان ھازىرغىچە يەمەندىكى نامايىش ۋە توقۇنۇشلاردا 360 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 2000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
ئىخلاس خەبەر ئاگېنتلىقىنىڭ 21- مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەننىڭ پايتەختى سانادا چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. تائىز شەھىرىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 60 كىشى يارىلاندى. نامايىشچىلار 32 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن سالىھنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي ھاياتنى ياخشىلاش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ 2 ئايدىن بىرى نامايىشنى داۋام قىلماقتا. تۈنۈگۈنكى نامايىشتا نامايىشچىلار ئابدۇللاھ سالىھنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان بولسىمۇ ئابدۇللاھ سالىھ رەت قىلغان.
بىز يەمەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەمەننىڭ پايتەختى سانادا مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇستاپا ئىسىملىك ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇستاپا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەننىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھازىر 17 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، نامايىش باشلانغاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس توختىغان. گاز توختاپ كېتىپ، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناچارلاشقان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ باشقا يەرلەرگە كەتكەن بولسىمۇ، كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشنىڭ ئاخىرلىشىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قايتىدىن دەرس باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.