رايوندىن كەلگەخەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان. رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىچىلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئارىلاشقان، دەپ
[ گۇمان قىلغان كىشىلەردىن يەنە 319 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنىOpens in new window ]
ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە خىتايلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى تىلغا ئالمىغان، لېكىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر قىسىمى ئۈرۈمچىدىن، يەنە بىر قىسىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ خىتاي يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئېلان قىلغان تۇتقۇنلارنىڭ سانىغا ئائىت 2 - تۈركۈمدىكى تىزىملىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنى 29 - ئىيۇل كۈنى 253 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا تەرتىپنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىن كەلگەن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى بۇ جىددىيچىلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلاردا رايونغا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ھەققىدىكى چاقىرىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفىې رىچاردسون خانىم رادىئومىزغا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى قالايمىقانچىلىق ئۈستىدىن خەلقئارانىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇپ، نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئۈستىدىن تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيمىز. شۇنداقلا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رايوندىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىتىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىمىز " دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىدۇر. دائىرىلەر ۋەقەگە قاتنقاشقان، دەپ قارالغانلارنى سوتلاش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى 1800 ئەتراپىدا، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ستاتىستىكىسىدا بولسا ۋەقەدە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار 10 مىڭغا يېتىدۇ.
ئەگەر خىتاي تۇتقۇندىكى نامايىشچىلارنى سوتلاشنى باشلىسا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ سوتلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم، سوتنىڭ ئاشكارا ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يىتەرلىك پۇرسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":خىتايدا كىشىلەر قانۇنى تەرتىپلەر بويىچە سوتلىنامدۇ ؟ ئۇلار ئۆزى خالىغان ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلالامدۇ ؟ ئۇلار ئۆزىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىيالامدۇ ؟ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوتنى كۆزىتىشىگە يول قويامدۇ ؟ دېگەنلەر، بىز دائىم چوڭقۇر ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر. چۈنكى خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مەھبۇسلار ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەر دائىم سوت جەريانىدا نەزەرگە ئېلىنماي كېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۈت. بىز ئالدىمىزدىكى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سوتلاردا بۇ ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز".
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يەنە بىر تەنقىد ئوبىكتى بولسا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دىموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىدۇر. ئامېرىكا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاشكارا سورۇنلاردا ناھايىتى ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31 - ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتايدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىشتا قوللانغان ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى پوزىتسىيىسىگە باھا بېرىپ،ئامېرىكىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سورىدى. ئۇ" ئامېرىكا بۇ ۋەقەگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك. بىز مەسىلەن، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ئۇلار ئۆزى بايقىغان ئەھۋاللار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكىلەر مەتبۇئاتلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن ناھايىتى قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەننىڭ سىرتىدا، تەپسىلىي دىتاللار ئۈستىدە توختىلىپ باقمىدى. ئۇلار نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىزگە ئېيتىشى كېرەك" دەيدۇ.
خىتاي ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنى سوتلاش خىزمىتى8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئەرزى - شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئېھتىيات قىلىشنى تەكىتلىگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزگەنلىك، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.