مىسىر، تۈركىيە، يەمەن، تۇنىس، ئالجىرىيە، سۈرىيە، ئېئوردانىيە قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ھىجرىيە يىل بېشى بىر چوڭ بايرام تۈسىنى ئېلىپ، ئالاھىدە جۇشقۇ بىلەن داغدۇغىلىق قۇتلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بىر - بىرىنى تەبرىكلىشىدۇ ۋە ئۆز - ئارا ئامان - ئېسەنلىك تىلىشىدۇ. شۇنداقلا كېلىۋاتقان يېڭى يىلنىڭ خەيرلىك ۋە غەلىبىلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ.
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىجرىيە يىلنامىسى ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچ قىلغان يىلىنى بىرىنچى يىل قىلغان ئىسلام يىلنامىسىدۇر. ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان.
ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنى ئومۇملىشىپ، ھەتتا چەت دۆلەتلەرگىچە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا ئەڭ زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس رامىزان، ھەج ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنىڭ، دىنيى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدىغان، ۋەقەلىكلەرنى خاتىرىلەيدىغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇش پىكىرى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ تاللىنىشى
ئەللامە مۇھەممەد غەزالىنىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 571 - يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610 - يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622 - يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى بۇ پىكىر قوبۇل قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىق ۋەقەسى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى «ھىجرىيە» دەپ ئاتاش پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارار قىلىنغان. ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى ئەرەب قەبىلىلەر ئارىسىدا دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىنگەن ئىدى. 639 - يىلىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىدا ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن.»
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى
ئۇيغۇر ئولىمالىرىنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈش تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلىرىغا بېرىپ يېتىدىكەن. 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلىدىغان بولغان ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئالىملار، تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تىۋىپلار، نەغمە - سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە بايان قىلىدىغان بولغان. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، دىنىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ رامىزان ۋە ھېيت - ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا ئىكەن.