"زورىيىۋاتقان خىتايغا قارشى يېڭى بىر ئىتتىپاق قۇرۇلامدۇ؟"
2010.11.23
تۈركىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى سىنان ئوگان ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز مۇلاھىزىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشتەك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.
تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى تەرىپىدىن بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سىياسەتلىرىگە قارىتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ماقالىنىڭ بېشىدا 90- يىللاردا دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە كۆزگە چېلىقمايدىغان خىتاينىڭ جىمجىت ھالدا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە كېيىنكى ئون يىلدا دۇنيا سەھنىسىگە بىردىنلا زور كۈچ بولۇپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇ 90- يىللاردا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قارىتىشى، 2001- يىلى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىغا كىرىشىپ كېتىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر دائىرىسىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
- ئامېرىكىنىڭ ئىراق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى ئۇنىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئەلۋەتتە دەسلەپتە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىشىغا يارىغان ئىدى. شۇڭا، بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىراق پاتقىقىدىن چىقالماسلىقى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك يوللار ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
سىنان ئوگان ئەپەندى، ئامېرىكا ئىراق بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان مەزگىلدە رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ رايون ۋە دۇنيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەشكىلات گەرچە دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن قۇرۇلغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يامغۇردىن قېچىپ مۆلدۈرگە تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، نەتىجىدە رۇسىيە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان "كوللىكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى' نى قۇرۇپ ئۇنى كۈچلەندۈرۈشكە باشلىدى.
سىنان ئوگان ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھازىر رۇسىيىنىڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى بولۇپ خىتاينىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
ئەگەر، خىتاي مۇشۇ سۈرئەت بىلەن زورىيىشى داۋام قىلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا رۇسىيىنىڭ ئۇزاق شەرق رايونى خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ غايەت زور نوپۇسىمۇ رۇسىيىنىڭ ئازىيىۋاتقان نوپۇسى ئالدىدا بىر تەھدىت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا بىزنىڭ تەتقىقات ئورنىمىزنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، مۇشۇ 15 يىل ئىچىدە رايوندا يۈكسىلىپ چىققان خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە سەل قاراشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە يېقىنلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
سىنان ئوگاننىڭ ئېيتىشىچە، كېچىكىپ بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ دۇنياۋى زور كۈچ بولۇشنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئامېرىكا ئۈچۈن 2020- يىللاردا ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان خىتاينى قورشاپ تۇرىدىغان جۇغراپىيىدە يەر ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. سىنان ئوگان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
- ئامېرىكا بۇ جۇغراپىيىدە يەر ئالسا پەقەت خىتاينىلا ئەمەس، كەلگۈسىدىكى يەنە بىر چوڭ كۈچ دەپ قارىلىۋاتقان ھىندىستان ۋە ئاتوم بومبىغا ئىگە بولغان بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتى پاكىستان، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىران ۋە شۇنداقلا رۇسىيىنى كونترول ئاستىغا ئالالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا دۇنيادىكى مۇھىم كۈچلەرنى ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەسىر ئاستىغا ئالىدۇ. شۇڭا مانا بۇلارنى ھېس قىلغان ئامېرىكا ھازىر ئاستا - ئاستا ئوتتۇرا شەرقنى تاشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا ماكانلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
سىنان ئوگان ئەپەندى ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم رايون ھالىغا كەلگەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تاشقى سىياسىئىتىدىكى مۇھىم كۈن تەرتىپكە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ رايونلاردا مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي ھازىرقى تەرەققىياتىنى ئوخشاش سۈرئەتتە داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا رەقىب ھالىغا كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىدە ھازىر رەقىب كۆرۈنۈۋاتقان رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، رايوندا ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ياپونىيە ھەمكارلىقىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.