"پانئىسلامىزمدىن بۈيۈك ئاسىيالىققا ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

يېقىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئېلى مەرتان دۈندار ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان "پانئىسلامىزمدىن بۈيۈك ئاسىيالىققا ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا" دېگەن كىتاب ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ كىتاب ئىككى بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈمى 5 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كىتابتا ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، ياپون ‏- خىتاي ئۇرۇشى، ياپون - رۇس ئۇرۇشى ۋە بۈيۈك ئاسىياچىلىق قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەنگەن.

ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەن تەتقىقاتچىلىرى، ھەيئەتلىرى ۋە رازۋېدكا خادىملىرى. ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىش ئۇسۇللىرى. ياپونىيىنىڭ خىتاي مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرۈش مىنۇتلىرى. ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن رازۋېدكا خادىملىرى. ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

300 بەتلىك بۇ كىتاب ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي دۆلەت ئارخىپلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان.
كىتابتا ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تۈزگەن ئىش پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: شەرقىي تۈركىستان مۇساپىسى ئۇزۇن بولسىمۇ رۇسىيە، ھىندىستان ۋە تىبەتكە قوشنا بولۇشى ۋە ئۇ رايوننىڭ مۇسۇلمان خەلقتىن تەركىب تاپقانلىقى جەھەتتىن ياپونىيە ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە يەرلەردىن بىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي جۇغراپىيىسىدە قۇرۇلماقچى بولغان ياپونىيە ھۆكۈمرانلىقى ياكى ئەڭ ئازدېگەندە تەرەپسىز دۆلەتلەر قۇرۇلسا، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سېپىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيەر رۇسىيىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئىدى. ياپونىيىنىڭ بۇ رايونغا ئالاقىدار ئىش - پىلانلىرى 1920 ‏- يىلدىن باشلاپ شەكىللەنگەن.

كىتابتا يەنە، ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن رازۋېدكا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: ئۇرا كەيجى ئىسىملىك ياپون خىتايدا ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ھەربىي تەلىم ئالغان. رۇسىيىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇرا كەيجى شۇ دەۋردىكى ئىلىنىڭ ھەربىي قوماندانى ليۇ چىنتاڭنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولۇشنى مەقسەت قىلغان. ئىلى شەھىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقانلىقى ۋە غەربىي تۈركىستانغا قوشنا بولۇشى، ياپونلارنىڭ بۇ يەرگە دىققىتىنى تارتىشقا سەۋەب بولغان. ئۇرا بۇ يەردە يەنە ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، لامالارنىڭ، خىتايلارنىڭ ۋە باشقا كۆچمەن خەلقلەرنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆزىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئەلۋەتتە ئېھتىياج تۇيۇلغاندا بۇ مىللەتلەرنى ۋە يوللارنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئىدى. رۇسىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى، رۇسىيىنىڭ خىتاي سىياسىتى، ھىندىستان، بىرما ۋە تىبەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىلىش كۈچى ھەققىدە مەلۇمات توپلاشمۇ ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1888 ‏- يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇرا كەسىپداشلىرى كىتامىكادو، ماتسىجىرو ۋە كاۋارا تسۇنوجىرولار بىلەن يولغا چىقىپ، فۇجىشىما تاكاھېكۇ ۋە ئويا ھەنجابورۇ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن لەنجۇغا كەتكەن. ئۇ يەردىن يالغۇز يولغا چىقىپ ئىلىغا كەتكەن. كېيىن ئۇرادىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونلارنىڭ تۇنجى ھەرىكەت پىلانى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئۇھارا تەيچى ۋە ھىنۇ تسۇيومى ئىسىملىك ئىككى رازۋېدكا خادىمى ئۇراغا سېلىشتۇرغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك رازۋېدكا ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە مەقسەتلىرىگە يەتكەن. 1883 - يىلى تۇغۇلغان ئۇھارا 1902 ‏- يىلى خىتايغا بارغان ۋە دەسلەپتە خىتايچە ئۆگەنگەن، ئۆزىگە يۇاڭ شاڭچىن دەپ ئىسىم قويغان. ئىككى يىل ھەربىي تەلىم ئالغان. 1906 ‏- يىلى مىڭ بېشى ھىنۇ تسۇيومى بىلەن بىرگە شەنشى، گەنسۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى قاتارلىق شەھەرلىرىگە بارغان. مىڭ بېشى ھىنۇ تسۇيومى يەكەن، قەشقەر شەھەرلىرىگە بارغان ۋە ئۇ يەردىن ھىندىستانغا كەتكەن. ئىلىدا قالغان ئۇھارا ئۇ يەردە 4 يىل تۇرغان ۋە بۇ جەرياندا ئىلى ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇر -مەلۇماتلارنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن.

ئۇھارا 1911 ‏- يىلى غەربىي تۈركىستانغا بارغان، تاشكەنتتە رۇس ساقچىلىرى تەرىپىدىن 1912 - يىلى ياپون جاسۇسى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ياپونىيە ئەمەلدارلىرى خىتاينى ۋاسىتە قىلىش نەتىجىسىدە، رۇسلار ئۇھارانى 1913 ‏- يىلى قويۇپ بەرگەن. ئۇھارا يەنە ئىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئىلى شەھىرىدىكى خىتاي ھەربىي ئەمەلدارنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان. 1914 ‏- يىلى ياپونىيىگە چاقىرتىلغان، ئۇھارا ياپونىيىگە ئېلىپ بارغان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار خەرىتىلەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا ئارخىپلار ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش پىلانلىرى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينىغان. ئۇھارا 1916 ‏- يىلى ياپونىيىدە ئۆلگەن.

panislamizmdin-buyuk-asiyaliqqa-385.jpg
ئوسمانىيە سۇلتانىڭ شاھزادىسى ئابدۇلكەرىم ئەپەندى ياپون مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرگە (RFA/Arslan)

تاشىبانا جۇچۇ ئىسىملىك ياپون رازۋېدكا خادىمى، 1910 ‏- يىلى قەشقەرگە بېرىپ رازۋېدكا ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، تىبەت چېگرالىرىغىچە بېرىپ مەلۇمات توپلىغان تاشىبانا ياپون ھەربىي ئىستىخباراتى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن. ساتا كايسان ئىسىملىك رازۋېدكا خادىمى 1904 ‏- يىلى مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيە يولى ئارقىلىق ئىلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلارنى توپلىغان ۋە ئىلگىرى ياپونلار بارالمىغان يەرلەرگە بېرىپ ئۇچۇر توپلاپ دۆلىتىگە ئەۋەتكەن. ياپونلار يەنە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تىڭ ‏- تىڭلاش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىنى ۋەزىپىلەندۈرگەن. 1922 ‏- يىلى يەنە بىر گۇرۇپپا ياپون گېنېراللىرى ھەربىي تەلىم تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ ئىلىغا كەلگەن ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ماددىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ياپونغا قايتىپ كەتكەن.

كىتابتا يەنە، ياپونلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇمات بېرىپ مۇنداق يېزىلغان: 1933 ‏- يىلى ياپونلار ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل. بۇ يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئىگىلەشنى باھانە قىلىپ رايونغا بارغان ئىككى نەپەر ياپون ئەسكىرى لەنجۇدا قولغا چۈشكەن ۋە خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يالاپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. ياپونلار شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا يېقىنچىلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە، 250 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىنى توكيودىكى ئوخشىمىغان مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلغان. بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە ۋە ئەنگلىيىنى دۈشمەن ۋە ياپونىيىنى دوست كۆرىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن.

ياپونىيە ئۇ دەۋرىدىكى ئوسمانىيە پادىشاھى سۇلتان 2 ‏- ئابدۇلھەمىدنىڭ نەۋرىسى ئابدۇلكەرىم ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلۇشى پىلانلانغان دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

كىتابتا يېزىلىشىچە، پەلەستىن ناملىق گېزىتتە خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇلكەرىم ئەپەندى ئۆزىنى ياپونلار بىلەن تونۇشتۇرغان ئاخباراتچى مۇھسىن چاپانئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە 1932 ‏- يىلى7 ‏- ئايدا مانجۇرىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۈچ نەپەر ياپون گېنېرالى بىلەن ئۇچراشقان. 9 ‏- ئايدا ئىككى ياپون گېنېرالى شەرقىي تۈركىستانغا ئايروپىلان بىلەن بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئەمما، خىتاي ئەمەلدارلار بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان. خىتاي ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 1933 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، ياپون گېنېراللارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، ئابدۇلكەرىم ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشى ئۈچۈن دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلەر دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 1934 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، شۇ يىلى5 ‏- ئاينىڭ باشلىرىدا ئابدۇلكەرىم ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللىغا بىر ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلغان.

ئابدۇلكەرىم ئەپەندى، ئوسمانىيە پادىشاھى سۇلتان 2 ‏- ئابدۇلھەمىدنىڭ چوڭ ئوغلى سېلىم ئەپەندىنىڭ نېلۇپەر خانىم ئىسىملىك ئايالىدىن 1906 ‏- يىلى تۇغۇلغان. گالاتاساراي سۇلتان لىسىىسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئۇرۇش داۋام قىلغانلىقتىن تۈركىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە دادىسى بىلەن شام، بىيرۇتتا ياشىغان. 1932 ‏- يىلى ھىندىستانغا بارغان. 1933 ‏- يىلى ياپونىيىدىن كەلگەن تەكلىپكە بىنائەن توكيوغا كەتكەن. ئابدۇلكەرىم ئەپەندى 1935 ‏- يىلى ئامېرىكىغا بارغان ۋە بىر مېھمانخانىدا شۈبھىلىك بىر شەكىلدە ئۆلگەن.