قەشقەر شەھىرىدىكى يېڭى مەھەللە-نۇرباغمۇ چېقىلماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي كوچىلارنى چاققاندا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش شوئارى بىلەن ئىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چېقىش پىلانلانغان مەھەللىلەردىن بىرى نۇرباغ بولۇپ، نۇرباغ قەشقەردىكى يېڭىدىن بەرپا بولغان مەھەللەردىن بىرى؛ بۇ مەھەللىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا نۇرباغ دىكى ئاھالىلەر نۇرباغدىن كۆچۈشنى رەت قىلماقتا. دائىرىلەر بولسا ئاھالىلەرنى نۇرباغدىن كۆچۈشكە زورلىماقتا.

ئاڭلىغىنىڭلار، قەشقەر شەھىرىدىكى چېقىلىشى پىلانلانغان نۇرباغ مەھەللىسىنىڭ تەسۋىرى. نۇرباغدىكى ئاھالىلەر بۇ مەھەللىنى يېقىنقى 20يىل ئىچىدە بەرپا قىلغان. مەھەللىدە، 400 ئەتراپىدا ئائىلە، 2000 ئەتراپىدا نوپۇس مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەھەللىنى چېقىپ، ئورنىغا قەۋەتلىك بىنا سالىدىغانلىقىنى، ئۆيى چېقىلغان ئائىلىلەرگە بۇ بىنادىن ئۆي بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاھالىلەر بولسا، ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى.

نۆۋەتتە ئاھالىلەر، مەھەللىسىنىڭ مىللىي قىياپىتىنىڭ بۇزۇۋېتىلىشىدىن باشقا، قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرۇشنىڭ چىقىملىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق تىجارەتچى. ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە نوپۇسنىڭ تېز كۆپىيىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئاران دېگەندە قامداپ كېتىۋاتقان بۇ كىشىلەر، مەھەللىسىگە سېلىنىدىغان ئېگىز بىنالارنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك بىلەن بىرلىكتە؛ كۆچمەن ئېقىنىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا.

نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە بەزىدە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆيلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا. مەھەللە ئاقساقاللىرى مەزكۇر پىلانغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئالاقىدار ئورگانلارغا بارغان. دائىرىلەر بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە كۆپرەك پۇل بېرىش، بەزىلىرىنى بولسا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، شىكايەت قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرگەن. ئەمما ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆچۈشنى رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرماقتا.

دائىرىلەر ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەھەللىدە ئۆلچەش ۋە تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئاھالىلەرنى كۆچۈشكە يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرمەكچى. بەزى ئاھالىلەر، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ بېيجىڭدا ئىككى يىغىن داۋامىدا قىلغان سۆزلىرىدىن ئۈمىدلەنگەن. بۇلار جاڭ چۈشيەنگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، مەھەللىسىنىڭ چېقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.

نۇرباغ مەھەللىسىنىڭ چېقىلىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى كىچىك شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، ئەمما جەمئىيەتتە تارقالغان گەپلەر ئارىسىدا، مەزكۇر پىلان، خىتاي ئۆي-زېمىن سودىگەرلىرى بىلەن قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەر ئارىسىدىكى يەڭ ئىچى بىر سودىنىڭ نەتىجىسى. بۇ خىل گۇماندىكىلەرنىڭ قارىشىچە، نۇرباغ مەھەللىسى شاڭخەيدىكى بىر ئۆي-زېمىن شىركىتىگە سېتىۋېتىلگەن؛ شىركەت بولسا يەرلىك دائىرىلەرگە بىر يۈرۈش ھەقسىز ئۆي بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. ھازىرغىچە بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك ۋەزىيىتى مەزكۇر قاراشنىڭ توغرىلىق ئېھتىمالىغا ئىشەندۈرۈۋاتقان ئامىللاردىن بىرىدۇر.