شەرقىي تۈركىستان فوندى 1978-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1986-يىلى شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ رەئىسلىكىگە دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن سايلانغان. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋاقىتلىق شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋەخپىلەر قانۇنى بويىچە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھاياتتا بولغان قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن راسىم جىنىسلى، مۇستافا قوچاق، مەمەت نىياز تۇرفانى، مۇنىرىدىن ئەلەمدار، ئايقۇت ئەدىبالى، فېرىت ئەدىبالى ۋە شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ تۇنجى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن، ئىلغار ئالىپتېكىن ۋە ئارسلان ئالپتېكىنلەر ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى.

يىغىنغا قاتناشقان قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىلغار ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئەسەر ساقا تۈركىستانلى خانىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە، بابۇر خاتىپئوغلۇ باش كاتىپلىققا سايلاندى. بۇلاردىن باشقا سابىق د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، ئارسلان ئالىپتېكىن، خەيرۇننىسا ئەلەمدار، ئەنقەرە ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىق كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلاندى. شەرقىي تۈركىستان فوندى رەھبەرلىرى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا مۇراسىم بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالماقچى.
ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى 1970-يىلى تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە خىزمەت باشلىغان. ئۇ 2003-يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە بولغان 33 يىل جەريانىدا تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ۋە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر تۈركىيىنىڭ سامسۇن شەھىرىدە ياشىماقتا.
ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە 33 يىل تۈركىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.