يېڭىسار دىھقانلىرىنىڭ ئاۋازى -- دېھقان سەنئەتكار ھېكىم سىيىت سەھنىدىن قوغلاندى

ھېكىم سىيىت بۇ يىل 33 ياش، ئۇ پىيانىنو، دۇتتار ۋە تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكىلارنى چالغاندىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتا قىززىقچى - لەتىپىچى. شېئىر، قوشاقچى، ئۇ كۆپ تەرەپلىمە سەنئەت ماھارىتى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىدە تونۇلغان بىر خەلق سەنئەتكارى، يۇرتنىڭ توي - تۆكۈنى، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىدە مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇنى سىنئالغۇغا ئېلىپ لىنتا ئىشلەش ئۇنىڭ قوشۇمچە بىر ھايات يولى.

0:00 / 0:00

كۆپ تەرەپلىمە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىدە تونۇلغان بۇ خەلق سەنئەتكارى يەكشەنبە كۈنى بىر چوڭ كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقتى. ئۇ بۇ كۈنى سۆگەت يېزىسىنىڭ قاپاقتېرەك كەنتىدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دەل ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان پۇرسەتتە سەھنىدىن قوغلاندى.

ھېكىم سىيىتنىڭ سەھنىدىن قوغلىنىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق ۋە ھەيران قالارلىق: ئۇنى سەھنىدىن چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھېكىم سىيىتنىڭ سىياسىي مەسىلىسى بار، ئەگەر ئۇ سەھنىدە داۋاملىق مۇزىكا چالسا، بۇنى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئارقىلىق ناھىيە باشلىقلىرى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە سەنئەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا جازا كېلىدۇ.

دېمەك ۋەقەدىن مەلۇمكى، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھېكىم سىيىتنى كۆرۈشنى، ئۇنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ، يېقىندا ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان، "يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شىكايەت فىلىمىنىڭ لېنتىغا ئالغۇچىسى، ھېكىم سىيىت فىلىمنى ئىشلىگۈچىلا ئەمەس، ئۇ ناھىيە خەلقى تارتقان 40 مىليون يۈەنلىك زىياننىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى يى شياۋلياڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان يولىدىن قايتماس بىر ئەرزدار.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ۋە رەسىمگە ئېلىنىۋاتقان ئەتراپتا تۇرماسلىقى تەلەپ قىلىنىپ ئوچاق بېشىغا "پالانغان." ئەمما ھېكىم سىيىت، بۇ ئەھۋالدىن شىكايەتچى ئەمەس، چۈنكى ئۇنى خەلق سۆيىدۇ، خەلق قەدىرلەيدۇ.

ھېكىم سىيىت سەھنىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، 2 يىلدىن بېرى قىلغان ئەرزىنىڭ بىرلىرىگە تەسىر قىلغانلىقىنى ئەمدى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان، شۇڭا ئۇ ئەمگىكىنىڭ پۈتۈنلەي بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن مەمنۇن. ئۇ نۆۋەتتە يەنە، قانۇن دائىرىسى ئىچىدە يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۇچۇن، يەنە داۋاملىق ھەرىكەت قىلىش نىيىتىدە.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى دېھقان سەنئەتكار ھېكىم سىيىتنىڭ سەھنىدىن ھەيدەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.