مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياشلارنىڭ كۆرگىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆرۈشىگە يول قويۇلغان خەۋەرلەر بولسىمۇ، كۆرگۈچىلەر ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، مەزكۇر خەۋەرلەرنى كۆرۈش دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان. ئاشكارىلىنىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە-تاۋاباتلىرى قاتتىقراق مەيداندا تۇرۇپ سۈرۈشتە قىلىنغانلىرى قويۇۋېتىلگەن.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا زور مىقداردا پۇل ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىلغان؛ شەھەرلەردىكى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان ئىدى. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى سان جەھەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى جىق بولغاچقا، قىلغىلى ئىش تاپالمايۋاتقانلىقى، نەتىجىدە ئاساسسىز گۇناھ ئارتىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش يولى بىلەن ۋەزىپە ئورۇنداۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېڭىسار ناھىيىسىدە 30دىن ئارتۇق ياشنىڭ 3يىلنىڭ ئالدىدا بىن لادىنغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مانا بۇ ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقاچقا، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى قاتتىقراق نارازىلىق بىلدۈرگەن، سۈرۈشتە قىلىشتا مەيدانى چىڭ بولغان ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىپ بارغانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا. دۈشەنبە كۈنى كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەمۇ مانا ئەھۋالنىڭ بىر مىسالىدۇر. شۇ كۈنى ئاغۇ يېزىسىنىڭ دېھقانلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر قاماقخانىدىكى 5 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىككى نەپىرىنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.