دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، قاتتىق باستۇرۇش قايتا باشلانغان مۇشۇ پەيتتە مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن دائىرىلەر، كەلكۈندىن ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدىكى تازىلاش، قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى قايتا يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بولسا، سىياسىي يۇقىرى دولقۇندىن باشقا يەنە، تەبىئىي ئاپەت دولقۇنىنىڭمۇ زەربىسىگە تەڭ ئۇچرىدى.
يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ياققان قاتتىق يامغۇر تەسىرىدە، بۇ جايغا 50 يىل مابەينىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كەلكۈن كەلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، يەرلىك ساقچى ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىكى ھەمدە قۇتقۇزۇشتا جىددىي ھەرىكەت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يۇرتداشلىرىنى كەلكۈندىن ئاگاھلاندۇرۇپ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان جەمئىي 13 ئۇيغۇرنى "جەمئىيەت ئامانلىقىغا، مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش" بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە بىزگە ئۇچۇر بەردى.
مەزكۇر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىز كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن ئۇچار يېزىلىق ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئۇلار كەلكۈن ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 13 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى:
بىز يەنە، ئۇچار يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋاللىرىنى سورىدۇق، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئۆزىنى كاتىپ دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر كادىر، دىلشات رىشىتنىڭ بايانلىرىنى ئىنكار قىلغاندىن باشقا، ئاپەتتە ئادەم ئۆلگەنلىكىنىمۇ رەت قىلدى.
يېڭىسار ناھىيىلىك مېترولوگىيە ئىدارىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزدىن، گەرچە مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يېڭىسار ناھىيىلىك ھەمدە ئۇچار يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاپەت يۈز بېرىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا دائىرىلەرنىڭ ئاپەت يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
قەشقەر يېڭىسار ناھىيىلىك مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 20 - ئىيۇنغا قەدەر يەنە قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان بولۇپ، بۇ، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.