رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا پۇقرالارنىڭ يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، شەخسى ئۆيلىرى چېقىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان نارازىلىقلار بۇلتۇر تېخىمۇ كۆپەيگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆي-مۈلۈك سودىسى ئەۋج ئالغان. بۇ خىل ئەھۋال ئاددىي پۇقرالارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، يەر-زېمىنلىرىنى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇش، ھەتتا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «يەرگە دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىمۇ بارغانچە كۈچەيگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010- يىلى خىتايدا يەر -زېمىن سودىسى 2.7 ترليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇر يەر باھاسى 70% ئاشقان. خەۋەردە خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرى شۈ جاۋشىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، "خىتايدا شەھەرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ زىيادە تېز بولۇشى، يەرگە بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋەتتى. بۇ خىل ئەھۋال بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەم شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ «دۆلەت يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دېگەن قانۇنى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆي زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىش، ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا قۇربى يەتمەسلىكتەك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەر ھەم تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىدە پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا." دېيىلگەن.
شۈ جاۋشى سۆزىدە يەنە، ھازىر بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي-جاي، يەر - زېمىنغا ئوخشاش مۇقىم مۈلۈكلەرگە قارىتا سىناق تەرىقىسىدە يۇقىرى ئۆلچەمدە باج ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئەمىلى ھەم ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يەر-زېمىننى كۆپلەپ ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىغا قارىتا چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا « 19 ئۆلكە بىرلىكتە مەبلەغ سېلىش، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» سىياسىتى سەۋەبلىك، 2009-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىمۇ يەر ھەم ئۆي مۈلۈك باھاسى تېزلىكتە ئۆرلىگەن.
قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانى ھەم ھالقىسىمان ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، بۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئولتۇراق جايلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بۇ رايونلارغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغان.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2010- يىلى 12- ئايدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلدىن بۇيان قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھېيتگاھ جامائەسى ئەتراپىدىكى 28 مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 4817 ئائىلىنىڭ 399مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئۆيى «كونا خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش » نامىدا چېقىلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 522 ئائىلىنىڭ تۆلەم پۇلى ئېلىش شەكلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە قالغان 4000دىن ئارتۇق ئائىلىگە قانچىلىك تۆلەم پۇلى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تۈركىيىدىكى مائارىپ جەمئىيىتى قۇرغان ئىستىقلال رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، قەشقەر كونا شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 7 مىليارد 975 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى مەبلەغنى دۆلەت ئاجراتقان بولسا، قالغان 4 مىليارد 975 مىليون يۈەن پۇلنى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلقتىن توپلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.
قەشقەر شەھىرىدىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 2010- يىلى قەشقەرگە كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى قەشقەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، بۇ شىركەتلەر پۇقرالاردىن مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان بۇ زېمىنلارنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن شىركەتلەرگە ھەسسىلەپ يۇقىرى باھادا سېتىپ، كۆپلەپ پايدا ئالغان. پەقەت قەشقەر شەھىرىدىلا 2010-يىلى ئۆي باھاسى 2009-يىلغا قارىغاندا 25% ~30% ئەتراپىدا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.
خىتاينىڭ ياشىن تور بېكىتىنىڭ بۇلتۇر 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، 2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى 15000 ئاھالىنىڭ، شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان ئەسلىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، زېمىنىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەرگە دۆلەت تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رادىئومىز ئىككى يىلدىن بۇيان، غۇلجا، قاراماي، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي سېتىۋېلىنىپ، ھەتتا بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە شەھەر قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دېگەن ناملاردا سېتىپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدۇق.
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت خەۋەر مەنبەلىرىدىمۇ، يەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھەم پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەر تەھلىل قىلىنغان ماقالىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇ ھەقتىكى ماقالىلەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەم بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئارقا تىرەك قىلغان خىتاي ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى، پۇقرالارنىڭ ئۆي ھەم يەرلىرىنى، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن « يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى دۆلەتتە» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇقرالاردىن مەجبۇرىي سېتىۋېلىپ، يۇقىرى پايدا ئېلىۋاتقانلىقى، يېرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا نارازىلىقى كۈچىيىپ ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىدىكى يەر-زېمىن قاتارلىق مۇقىم مۈلۈك ئىگىدارچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى تەشەببۇس قىلىنىپ، خەلقنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بولسا، نۆۋەتتە خىتايدىكى يېرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.