ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى دائىرىلەر مەزكۇر ئىككى بىنانى چېقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، كەنت ئاھالىلىرى كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ بىنانىڭ چېقىلىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى. بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا بۇ ۋەقە ھەققىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا شۇ كۈنىدىكى ۋەقە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بايانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
بىز بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال يەكەن بازارلىق پارتكوم سېكرېتارى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇرمىدى. بىراق ئۇلار مەزكۇر ئىككى بىنادا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھەققى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.
يەرلىك ئاھالىلەر، بۇ ئىككى بىنادا ئۆزلىرىنىڭ ھەققى بارلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىككى بىنانى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز سېتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، بازارلىق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بۇ يەرلەردىن پايدىلىنىش ۋە سېتىش ھوقۇقىنىڭ كىمگە ياكى قايسى ئورۇنغا تەۋە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. بۇلار بۇ ئىككى بىنا سېلىنغان يەرنى بىردەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەر دەپ ئاتىسا، بىر دەم كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى يەر دەپ ئاتاشتى سۆزىنىڭ بىر يېرىدە بۇ يەرلەرنىڭ بۇرۇنلا دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، يەنە بىر يەردە كەنت ئىگىلىكىدىكى يەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار بۇ ئىككى بىنانى بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى سېتىۋەتتى دەپ چۈشەنگەن ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن بۇ ئىشتا ياردەم كۈتكەن. ئەمما بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىككى بىنانى سېتىش قارارىنى ناھىيىنىڭ بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا پەقەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھەتتا ناھىيىلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ، بۇ بىنالارنىڭ كىمگە ۋە قانچە پۇلغا سېتىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز.
يەنە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يەكەن ناھىيە بازار ئىچىدىكى قىممەت باھالىق يەرلەر ۋە ئەتراپتىكى تېرىلغۇ يەرلەر، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن، سىرلىق يوللار بىلەن ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنماقتا؛ يەرلىك ئاھالىلەر بولسا، شەھەر ئىچىدىن قەدەممۇ-قەدەم سىقىپ چىقىرىلماقتا، ئۇزاقلاشتۇرۇلماقتا.