يەكەندە بىر دېھقان خىتاينىڭ ئۆي چېقىش زوراۋانلىقىغا خىتاي قانۇنلىرىنى تامغا چاپلاپ قارشىلىق كۆرسەتتى

يەكەن ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر خىتاينىڭ ئۆي چېقىش زوراۋانلىقىغا ھەر خىل شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە سەيچى كەنتىدىكى يۈزدىن ئارتۇق كىشى چېقىلماقچى بولغان ئىمارەتنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. تۈنۈگۈن مەزكۇر كەنتتىكى يەنە بىر نەپەر دېھقان، چېقىلماقچى بولغان ئۆي ‏- ئىمارەتلەرنىڭ تاملىرىغا خىتاي يەر -مۈلك قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرى بېسىلغان ۋاراقچىلارنى چاپلاپ، خىتاينىڭ ئۆي چېقىش زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

يەكەن ناھىيە بازىرىدا بىر تۈركۈم ئۆي ئىمارەتلەرنى چېقىش ۋە بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىش زوراۋانلىقى يەنە داۋاملاشماقتا. تۈنۈگۈن ناھىيىنىڭ بىر تۈركۈم ئەمەلدارلىرى ئۆيى چېقىلىدىغان ئاھالىلەر رايونىغا يېتىپ كەلگەن. بۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بولۇپ، بۇلار ئۆيى چېقىلىدىغان ئائىلىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك ھەققىدە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئاھالىلەر، بۇ قېتىم يەنە باشقا بىر شەكىلدە قارشىلىق كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر شەھەر قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ شەھەرنىڭ كېڭەيتىلىشىگە قارشى ئەمەس. ئەمما ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى چۈشەندۈرۈش، پىكىر ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. گەرچە ناھىيىلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئاھالىلەرگە چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەرلىك ئاھالىلەر ئىشنىڭ بۇنداق بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.