يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى ھەققىدە گۇمانلار كۈچەيمەكتە

يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ساھەدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ ھادىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. بولۇپمۇ، بۇ گۇمان، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن " كلىماتە گاتە " ۋەقەسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

0:00 / 0:00

"كلىماتە گاتە " ۋەقەسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن. نامەلۇم ئىنتېرنېت قاراقچىلىرى يەنى خاككېرلىر، ئەنگىلىيىدىكى بىر كىلىمات تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى "پھىل جونەس" نىڭ ئېلخەت ئادرېسىدىن 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئېلخەت ۋە 3000 دىن ئارتۇق ھۆججەتنى ئوغرىلىغان. ئوغرىلانغان ئېلخەتلەر ئارىسىدا يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ساختا بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قىسىم خەتلەر تېپىلغان.

بىر پارچە خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: " بىز يەر شارى ئىسسىپ كەتتى، يەر شارى ئىسسىپ كەتتى دەۋاتىمىز، ئەمدى بىز 2001 ‏- يىلدىن بېرى يەر شارى ئىسسىقىلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشقانلىقىنى خەلققە چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن كۈلكىگە قالىمىز."

ئوغرىلانغان ئېلخەتلەر ئارىسىدا يەنە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىگە كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش، ۋاقتى كەلگەندە بەزى مەلۇماتلارنى يوقۇتىۋېتىش قاتارلىق تەلىمات ۋە تەۋسىيەلەرمۇ تېپىلغان. نۆۋەتتە بۇ مەلۇماتلار، ئىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدە جىددىي تالاش - تارتىش قىلىنماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى كىلىمات ھەققىدىكى ساختا مەلۇماتلار ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەسلىدە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى دۇنيادىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ب د ت نىڭ كىلىمات پلانلىرى ۋە ئاجراتقان خىراجەتلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇلاردىن بىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ كلائۇسېدۇر.

ئۇنىڭ قارىشىچە، يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى بىر سەپسەتە. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنى بىرى، ئىدېئولوگىيە مۇخلىسلىرى، يەنى شەكلى ئۆزگەرگەن كوممۇنىستلار كۆتۈرۈپ چىققان؛ يەنە بىرى، بەزى بىر پۇرسەت پەرەس كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر سودا، يېڭى بىر پۇل مەنبەسى تاپماقچى بولغان.

ۋاسلاۋكالۇسې (ۋاكلاۋ كلائۇسە) ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "پۇل-مۇئامىلە گېزىتى"دە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ھازىر دۇنيادا تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىلىمات ئەمەس؛ بەلكى ئەركىنلىكتۇر. ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ئەمەس؛ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىشى؛ يەنى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلارنى قۇل قىلىپ كېلىشىدۇر."

ۋاكلاۋ كلائۇسە نىڭ قارىشىچە، "نۆۋەتتە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنى شۇئار قىلىپ تەشكىللەنگەن ۋە مۇھىت ئاسرىغۇچىلار دەپ ئاتالغان كىشىلەر، ئەسلىدە شەخسىي ئەركىنلىككە، زامانىۋى ھاياتقا ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈمىگە قارشى كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە كىشىلەردۇر؛ ئۇلار نۆۋەتتە ئىدېئولوگىيىسىنى مۇھىتچىلىق دېگەن نام ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويماقتا."

بۈگۈن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان سابىق مۇئاۋىن دۆلەت پرېزىدېنت نامزاتى ساراھ پەيلىن خانىم بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، <كىلىمات گېيت> ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ۋە يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنى ئىلىمنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇش ھادىسىسى دەپ كۆرسەتكەن؛ ئۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دۆلەتتىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنى توقۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان. ساراھ پەيلىن خانىم يەنە، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق كىلىمات يىغىن ۋە كىلمات پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن پايدا ئەمەس، زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئوبامنىڭ ئېنىق بولمىغان تەھدىتلەر ئۈستىدە ئەمەس، رېئال تەھدىتلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلىۋىزىيىسى ئامما ئارىسىدا بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان. راي سىناشتا، پەقەت 55% كىشى، يەر شارى ئىسسىپ كېتىشىگە ئىنسانلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېخ پرېزىدېنتى كلاۋسمۇ، "يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى"نى بەندىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.