ناھىيىنىڭ مائارىپ سېپىدىكى بەزى زاتلار جاۋنىڭ بۇ تۈردىكى پەسكەشلىك ۋەقەلىرىنى بۇرۇنمۇ سادىر قىلغانلىقىنى، لېكىن مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مائارىپ سېپىدىكى زاتلارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا بۇ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نارسىدە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قورقماي داۋا قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپ جاۋنى قانات ئاستىغا ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. لېكىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بولسا ناھىيىدە بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ياكى ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.
يەركەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە پۈتۈن ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايوندا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، يەرلىك پۇقرالارنىڭ ۋىجدانىغا ئېغىر سوئاللارنى قويدى. مەن مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرگە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىشكە تىرىشتىم. يەرلىك پۇقرالار جاۋ پەمىلىلىكنىڭ قىلمىشىغا ناھايىتى غەزەپلىك ئىدى.
يەركەن ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر تىجارەتچى ئۆز پىكىرىنى بايان قىلدى.
مەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى، يەركەن ناھىيىسىدىكى بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى. ئۇ 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى لۈ يۈيمېي ۋە ناھىيىلىك مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىنى، بۇ ۋەقە جاۋنىڭ ئۇيغۇر قىزلارغا 1 - قېتىم چېقىلىشى ئەمەسلىكى، لېكىن مەكتەپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشىنى يوشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":بۇ ئىشقا پۈتۈن يەركەن خەلقىنىڭ غەزىپى ناھايىتى كۈچلۈك. مۇدىر لۈ يۈيمېي بۇرۇن ئۇ ئەر ئوقۇتقۇچى 3 - يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشىنى بايقىغان. ئائىلە باشلىقى مەكتەپكە ئەرز قىلىپ كېلىپ، مۇدىرغا ئېيتقان، لېكىن مۇدىر ئۇنى قوغداپ، يەنە سىنىپنىڭ مەسئۇلى قىلىپ يۆتكىگەن. بۇرۇنقى سىنىپتىكى 2 - 3 قىز ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان ئىكەن. ئۇ باشقا سىنىپقا يۆتكەلگەندىن كېيىن يەنە بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان."
مەكتەپ مۇدىرى لۈ يۈيمېي جاۋنىڭ جىنسى پەسكەشلىك قىلمىشىنى1 - قېتىم بايقىغاندا نىمىشقا بۇ ئىشنى يوشۇردى؟ يەركەن ناھىيىسىدىكى يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ مەيلى مەكتەپنىڭ ئابرويىنى ئويلىغان بولسۇن ياكى مەيلى بۇ ئىشنى باستۇرۇۋېتىشنى ۋە كونترول قىلىشنى ئويلىغان بولسۇن ، بۇ ۋەقە بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى بەكلا قەبىھ."
خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا پۇقرالارنىڭ دىققىتى ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا تىكىلگەن. يەركەن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى، ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى يېنىك بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ پۇقرالارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى، داۋاگەرلەرنىڭ بولسا تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەركەن ناھىيىسىدىكى يۇقىرىقى خىتاي ئوقۇتقۇچى بولسا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ دىلونى باسقۇنچىلىققا ئۇرۇنۇش جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بارلىقىنى، ئەگەر جاۋ بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنسە ناھايىتى يېنىك جازاغا ئۇچۇرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلونى باسقۇنچىلىققا ئۇرۇنۇش جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەن. بۇنداق قىلسا بەك يېنىك بولۇپ قالىدۇ. ئۆلۈۇم جازاسى بېرىلمىسىمۇ، لېكىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى بولغان بۇ ئادەمنىڭ قىلچىلىك قانۇن ئەخلاقى يوق. 8 - 10 ياشتىكى نارسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، دەيدىغان ئىش بولامدۇ ؟ بۇنى بۇ قاتاردا بىر تەرەپ قىلغىنى بولامدۇ ؟ پۈتۈن خەلق بۇ ئىشنى غۇلا - غۇلا قىلىۋاتىدۇ."
يەركەن ناھىيىسىدىكى يەنە بىر زات، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان نارىسىدىلەرنىڭ 21 گە يېتىدىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ "جاۋدا نېرۋا كېسىلى بار،" دېگەن گەپنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەن يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن ناھاىيەلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئىگىللەشكە تىرىشتىم. مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىر مەسئۇلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋەقەنى جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ ":بۇ ئىش مۇنداق بولدى، بىزنىڭ ئىشخانىمىز بۇ ئىش توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. ئائىلە باشلىقى ئەتىىگەندە كەلگەن ئىدى. ئۇ ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى چاقىرتىپ، ئەھۋالنى ئىگىللەشنى تەلەپ قىلدى. ھېلىقى ئوقۇتقۇچى چاقىرتىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈلدى. ئاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللار توغرىسىدا دوكلات يېزىلدى. چۈشتىن كېيىن رەھبەرلىك گۇرۇپىمىز يىغىن ئېچىپ، ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلدى، لېكىن ئۇ قىلمىشىنى ئىقرا قىلماي تۇرىۋالغان ئىدى. پۈتۈن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى دوكلاتقا يېزىلدى. كېيىن ساقچىغا خەۋەر قىلىندى، ھېلىقى كىشىنى ئىككى ئوقۇتقۇچى ساقچىلار كەلگەنگەنگە قەدەر ياتاقخانىدا نەزەربەنت ئاستىغا ئالدى. ساقچىلار كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى."
مەن، مەكتەپ مۇدىر لۈ يۈيمېيىنىڭ ۋەقەنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىپلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ۋەقەدە زادى مەسئۇلىيىتى بار يوقلىقىنى سورۇدۇم. لېكىن ئۇ ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى. لۈ يۈيمېينىڭ ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار يوقلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ، " ۋەقە تەكشۈرۈلىۋاتاتتى. پاكىت بولمىسا قانداق دىلو مەلۇم قىلغىنى بولىدۇ. تەكشۈرۈلدى، تەكشپۈرۈلگەندىن كېيىن يىغىن ئېچىلدى. ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىندى. ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانى يېزىپ چىقىلغاندىن كېيىن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىغا مەلۇم قىلىندى. بۇ شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە، ۋەقەنى يوشۇرغان ئەمەس. ئۇنىڭ بۇرۇن بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز"، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ جەرياندا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە ئىشخانىسىنىڭ بىر كاتىپىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بەرگەن جاۋابى ناھايىتى ئەسەبى ئىدى. ئۇ مۇخبىرنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، "سەن كىم ؟ سەن نىمە قىلماقچى ؟ بۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەن ئەمەس، بۇنداق ۋەقە ھىچقاچان يۈز بېرىپ باققان ئەمەس. ساڭا شۇنى دەپ قوياي بۇ ھەرگىز يۈز بەرگەن ئەمەس. مەن ساڭا بۇنى ئېنىق، دەپ قوياي بۇ بىر ئۆسەك سۆز. ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك. مەن ئىشخانىنىڭ ئادەتتىكى كاتىپى، مېنىڭ بۇنىڭغا پوزىتسىيەم بولمايدۇ. مەن ئىشخانىنىڭ كاتىپى بولۇش سۈپىتىمدە، دەپ قوياي بۇ ئىش سەن دېگەندەك ئۇنداق ئەمەس" دەپ گۆلەيدى.
لېكىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى بولسا " بۇ ئىشتا ئۇنىڭ خۇلاسىسى چىقمىدى. شۇڭا بۇ توغرىسىدا قالايمىقان باھا بېرىشكە بولمايدۇ. مەن رەھبەرلىرىمىز كەلگەندە ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتاي، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرەي ، شۇنىڭغا كۆرە بىر نىمە دەيلى" دەپ كۆرسەتتى.
ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بولسا بۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى. ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بۇ خىتاي ساقچىسى"مەن بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن" دەپ جاۋاپ بەردى.