ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دىلونى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
يەكەن ناھىيىلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى جاۋ پەمىلىلىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر نارىسىدە قىزلارغا " جىنسىي پەسكەشلىك قىلىش ۋەقەسى" بۇ يىل 5 - ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر ئىلىدە جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان نازۇك دىلولارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. يەكەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى 29 - ئىيۇن كۈنى سوت ئېچىپ مەزكۇر دىلونى كۆرۈپ چىققان.
نۆۋەتتىكى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە سوتنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جازا بەرگەنلىكىدۇر.
يەكەندىكى بەزى مەنبەلەر جاۋنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى تەپتىش مەھكىمىسى جاۋنى "جىنسىي پەسكەشلىك قىلمىشى" بىلەن ئەيىبلەپ، جاۋنىڭ ھەرىكىتى "جىنسىي تاجاۋۇز قىلمىشى" نى شەكىللەندۈرمىگەن دەپ قارىغانلىقىنى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋغا 5 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لېكىن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدىكى خادىملار بولسا سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، ھۆكۈمنىڭ كېلەر ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمى جىنايەتچىگە ئۇقتۇرۇلغانغا قەدەر مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى، لېكىن 5 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ جاۋغا ئاز كېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتىكى تالاش - تارتىشنىڭ مەركىزى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى "جىنسىي پەسكەشلىك قىلمىشى" سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى يېنىك بولۇپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىدۇر. تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ قارارىغا تەنقىدى پىكىردىكى زاتلار جاۋنىڭ قىلمىشىنى "پەسكەشلىك" بىلەن بولدى قىلىشقا بولمايدىغان "ئېغىر ۋەقە" دەپ قاراشماقتا.
يەكەن ناھىيىسىدىكى بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچى ئەگەر جاۋ "پەسكەشلىك " بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا يېنىك بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ ناھايىتى قەبىھ بىر رەزىللىك، كۆپچىلىك ھەممىسى بۇ ئىشنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇنى ئېتىۋەتسە ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. مەيلى جىنسىي تاجاۋۇز بولسۇن ياكى تاجاۋۇزغا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى بولسۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر كىچىك بالا. قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز مىللىتىدىن بولسىمۇ ئۇنىڭ قىلمىشى بۇنچىلىك قەبىھ بولسا، ئۇنى ئېتىۋەتسە پۇقرالار بىر نىمە دېمەيدۇ."
جاۋنى "پەسكەشلىك قىلمىشى" بىلەن جازالاش يېنىك بولۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەر يالغۇز بۇ خىتاي بىلەن چەكلەنمەيدۇ. يەكەن ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىر خانىم يۇقىرىقى خىتاي بىلەن ئوخشاش قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دادىسى مەزكۇر ناھىيىدىكى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. يەكەن ناھىيىسىدىكى يۇقىرىقى خىتاي ئوقۇتقۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشى، گېزى كەلسە ھوقۇقىنى تاشلاپ بېرىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "گېزى كەلسە مۇدىرلىقنى تاشلىسا بولىدىغۇ، قانداق قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك. بۇ ۋەقەدە ئائىلە باشلىقىنىڭ دىگېنى ھېساب. كىچىك بالا نېمىنى بىلىدۇ ؟ بۇ ۋەقەنىڭ ئىجىتىمائىي تەسىرى ناھايىتى قەبىھ. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار، بەزىدە بۇ ئىشنىڭ خەلقئارا تەسىرى، دىگەنلەرنى ئويلىشىدۇ. جۇڭگولۇقلار بىر تەرەپتىن يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
يەكەن مائارىپ سىپىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر 6 - باشلانغۇچتىكى بۇ ۋەقە 1 - قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەسلىكىنى، جاۋنىڭ ئۇيغۇر قىزلارغا "پەسكەشلىك" قىلىش قىلمىشىنىڭ بۇرۇن بىر قېتىم بايقالغانلىقىنى، لېكىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى لۇي يومېينىڭ جاۋنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يەكەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى بولسا، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ جاۋنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى رەت قىلدى. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ": يوشۇرغان ئەمەس. ج خ ئىدارىسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئارىلاشتى. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز توغرا ئەمەس. مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىشنى يوشۇرمىدى. چۈنكى بۇ جىنايى ئىشلار دىلوسى، شۇڭا بۇنى قانۇن ئورگىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مائارىپ ئىدارىسى بولسا كەسپى ئورۇن، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ."
يەكەن ناھىيىسىنىڭ مائارىپ سىپىدىكى يۇقىرىقى خىتاي ئوقۇتقۇچى بولسا 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى پەرەزدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا ئۆزلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "ئەگەر ئۇ ئېتىراپ قىلسا، ئۇمۇ جىنايەتچىگە ئايلىنىدۇ. شۇنداقمۇ - شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر مەن مۇدىر بولسام بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ج خ ئىدارىسى ياكى سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلمايسەن دېگەن گەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بىلمەيمەن، بۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى دەپ تۇرۇۋېلىشى پەرەزدىكى ئىش،" دەپ كۆرسەتتى.
ۋەقە يۈز بەرگەن يەكەن ناھىيىلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى نۇقتىلىق "قوش تىللىق" باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى "قوش تىللىق" سىنىپلاردا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈزگە يېتەتتى.
بۇ ۋەقە خىتاينىڭ "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلاردا جىددىي ئەندىشە قوزغاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.