خىتاي شىركەتلىرى يەكەن دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىمەكتە

يەكەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ يەكەن دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى ھەر خىل ناملار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.04.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dehqan-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇر قىلىنغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان نەچچە ئونلىغان دېھقان، ئۆتكەن ئايدا يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەتكەن.

يەكەن ئۇيغۇر سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. يەكەن ناھىيىسىدە 7 بازار، 22 يېزا بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7960 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 2003-يىلدىكى نوپۇسى 620 مىڭ 791 نەپەر بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيىلەرنىڭ بىرى.

يېقىندىن بۇيان يەكەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىككى يىلدىن بۇيان، ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش باھانىسىدە، يەكەن دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە باشلىغان.

يەكەن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان يەكەننىڭ تام ئۆستەڭ يېزىسى، كاچۇڭ ئاچال بازىرى، ئوردا ئۆستەڭ كەنتى، جايكېيەك كەنتى قاتارلىق جايلاردىن نەچچە مىڭ مو يەر خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن كېلىپ يەكەنگە ئورۇنلاشقان خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى شۇ يەرنىڭ بازار باھاسىدىن كۆپ تۆۋەن باھادا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغىنى ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىققان. بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا نەچچە ئون دېھقان يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەتكەن.

يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل يەكەن ناھىيىسىدىكى 7 يېزىغا 46 مىليون790 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، زور كۆلەملىك زامانىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان. خەۋەردە يەنە 2011-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ئۈچۈن 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىنغانلىقى، ئەسلىدىكى 680 پارنىك رېمونت قىلىنىپ، يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك بولغان يەكەننىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ كۆكتات ۋە مېۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما خەۋەردە بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان يەر كۆلىمى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

رادىئومىز يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.