«يەرلىك خەلق» مەسىلىسى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2007-يىلى «يەرلىك خەلقلەر ھوقۇق باياننامىسى» نى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.07.24
alim-seyitof-BDT-soz-qilmaqta-305.jpg ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.
RFA/Erkin Tarim

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياننامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆز دۆلىتى ئىچىدە يەرلىك خەلقلەر بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇرلارنى ب د ت نىڭ يەرلىك خەلقلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بۇ جەھەتتە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەرلىك خەلق سالاھىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى باياننامىسى 2007-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى نيۇيوركتا 114 دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى، 4 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ تەرەپسىزلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. يەرلىك خەلقلەر مەسىلىسى ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش نۇرغۇن چوڭ دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت نازۇك بىر مەسىلە بولغاچقا، نۇرغۇن يىللار يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تونۇپ، ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنالماي كەلگەن. ئەمما خەلقئارادىكى مەخسۇس يەرلىك خەلقلەر مەسىلىسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ب د ت ئاخىرى «يەرلىك خەلقلەر ھوقۇق باياننامىسى» نى ئېلان قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى تونۇغان. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر باياننامىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى تونۇش دۇنيادا ئادالەتنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رولغا ئىگە.

يەرلىك خەلقلەر ھوقۇق باياننامىسىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن 4 دۆلەت ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيىلەر كېيىن بۇ باياننامىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قول قويغان ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ باياننامىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما قىزىقارلىقى، خىتاي ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدە يەرلىك مىللەت بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دوكلات، بۇ بىرلەشمە قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان. 62 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىننى بېسىۋالغان 60 يىلدىن بۇيان ئۆزى قول قويغان «يەرلىك خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى» غا خىلاپ ھالدا يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىپ كەلگەنلىكى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ چوقۇم بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «يەرلىك خەلق» دەپ تونۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي، مۇھىت ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن سىرت، خىتاي ئۈستىدە خەلقئارا بېسىم پەيدا قىلىشتىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

خىتايدا 2010-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇس ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان 55 مىللەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 105 مىليون 226 مىڭ بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 47. 8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا بولسا، خىتايدا ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بېرىلگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق 5 مىللەت رايونىنىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن خىتاي يەر كۆلىمىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن بېرى خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى مىللەتلەر ئۈستىدىن بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىچىدىكى يەرلىك خەلق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يەرلىك خەلقلەر ھوقۇق باياننامىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن مەخسۇس يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ كەلگەن «يەرلىك خەلقلەر قۇرۇلتىيى» ۋە «يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» غا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئوخشاشلا خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ ئاتاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا خىتايدىكى «يەرلىك خەلقلەر» مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار ۋە شۇنداقلا جەنۇبتىكى بىر قاتار مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان. بولۇپمۇ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلار ب د ت دا كۆزىتىش ۋە تەۋسىيە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئالدى بىلەن يەرلىك خەلق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ رولى چوڭ بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.