تارىخىي ئەھمىيەتلىك كېلىمات سۆھبىتى كوپېنخاگېندا باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتلىك كېلىمات سۆھبىتى بۈگۈن دانىيىنىڭ كوپېنخاگېن شەھىرىدە باشلاندى. بۇ سۆھبەتكە 192 دۆلەت باشلىقى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كوپېنخاگېندىن بايان قىلىشىچە " بۇ، دۇنيادا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، ئىنسانىيەتكە بالاي - ئاپەت كەلتۈرىدىغان كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخىچە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان سانائەت رايونلىرىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گاز مېقدارىنى ئازلىتىش مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىدىغان ئاخىرىقى پۇرسەت " دەپ جاكارلىدى يىغىن رەئىسى كوننى ھېدېگارد.

كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىنسانلار ھەرخىل كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ

يىغىن رەئىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا يەنە، ئەگەر بۇ سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، يەر شارىنىڭ تېمپراتورىسى ئۆرلەۋېرىپ، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر شىددەتلىك تاشقىنغا، قۇرۇقلۇقلار دەھشەتلىك قورغانقىچلىققا، ئىنسانلار ھەرخىل كۈتۈلمىگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بىز ھازىر بۇنىڭ دەلىللىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش پۈتۈن يەر شارى پۇقرالىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇيى.

رەئىس ئەپەندى سۆزىدە، ھازىر دۇنيادا ئامېرىكا، خىتاي، ھىنىدىستانلاردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك گاز مېقدارى چۇقۇم ئازلىتىلىشى لازىملىقى، ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دىئالوگلارنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىمزالىنىدىغان كېلىشىم 2013 - يىلىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغىچە ئۈچ يىل ئىچىدە، نامرات دۆلەتلەرگە ھەريىلى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىپ تۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

رەئىس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، سانائەت رايونلىرىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك گاز مېقدارىنى ئازلىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىمزالىنىدىغان كېلىشىم 2013 - يىلىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە، نامرات دۆلەتلەرگە ھەر يىلى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىپ تۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ سۆھبەتتە دۇنيا خەلقنىڭ 'دۇنيانى بالايى ئاپەتتىن ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىڭلار' دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىككى ھەپتىلىك كېلىمات سۆھبىتى بۈگۈن كوپىنخاگىندا باشلانغاندا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق نامايىشلاردا ياڭرىغان 'دۇنيانى بالايى ئاپەتتىن ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىڭلار' دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم يىغىن زالىدا كۆرسىتىلىپ تۇردى.

ب د ت نىڭ بۇ كېلىمات سۆھبىتى ھازىر، دۇنيا خەلقنىڭ بۇ ئورتاق ئاۋازىنىڭ نەتىجىسىنى، سۆھبەت ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان 12‏ - ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ھىنىدىستان باش مىنىستىرى مانموخان، برازىلىيە پرېزىدېنتى لۇيىز لۇلادا سىلۋا ۋە ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق كۆرۈشنى كۈتمەكتە.

يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ھاۋاغا ئەڭ كۆپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەت - خىتاي

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتلىك كېلىمات سۆھبىتى بۈگۈن دانىيىنىڭ كوپېنخاگېن شەھىرىدە باشلىنىشتىن بۇرۇن، يېشىللار دەپ ئاتىلىدىغان تىنچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلار لوندوندا 40 مىڭ كىشىلىك چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ 'دۇنيانى بالايى ئاپەتتىن ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىڭلار' دەپ شۇئار توۋلىغان ئىدى. كوپىنخاگېن، پارىژ، ۋاشىنگتون، جاكارتا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ مۇشۇنداق داغدۇغىلىق نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلق ئوخشىمىغان شۇئارلار ئارقىلىق كوپىنخاگېن كېلىمات سۆھبىتىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى.

مۇشۇ كۈنلەردە ئۇچۇر ۋاستىلىرى 1950‏ - يلىدىن ھازىرغىچە خاتىرىلەنگەن ھاۋا كېلىماتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا بىرلىكى، رۇسىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئافرىقا، ئارال دۆلەتلىرى ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك گاز مېقدارى ھەققىدىكى سانلىق مەلىۇماتلارنى ئېلان قىلدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ھاۋاغا ئەڭ كۆپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەت خىتاي دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.