خەۋەردىن مەبلەغنىڭ 1مىليارد 100 مىليون قىسمىنىڭ يەسلى قۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىلغانلىقى، قالغان قىسمىنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش قىسمىغا ئىشلىتىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
خەۋەردە تونۇشتۇرۇلۇشىچە يەنە، 2008 - يىلى ھۆكۈمەت مەزكۇر پىلاننىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتا قوش تىل يەسلىسىدىن 214 نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، 2009 - يىلى قوش تىل يەسلىسىنىڭ سانىنى 1237 كە يەتكۈزمەكچى بولغانلىقى، 2012 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل بالىلار يەسلىسىنى %85 تىن كۆپەيتىش چوڭ بىر ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە يەنە، بالىلار يەسلىسىنى قوش تىللاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي تىلى مائارىپى بۇيىچە تەربىيىلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، " قوش تىل مائارىپى " دەپ ئاتالغان بۇ چىرايلىق سۆز، ھېچقاچان قوش تىلنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلى ۋە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت ئىككى تىل ئاساسىدا يولغا قويۇلىدىغان مائارىپ سىياسىتىنى ئىپادىلىمەستىن، بەلكى بىر تىل يەنى خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغان مائارىپ سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشتەك ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ " قوش تىل مائارىپ پروگراممىسى " ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىدىمۇ، بالىلارنى يەسلىدىن باشلاپ قوش تىل بىلەن تەربىيىلەشنىڭ ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
بىراق خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى يول قويۇشنى يېڭى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى دەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى رەسمىي يوسۇندا يولغا قويۇشقا باشلىدى.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلى راستىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك يېڭى تەرەققىيات قەدىمىگە ماس كەلمەمدۇ؟
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
