27 - نۆۋەتلىك تۈرك قۇرۇلتىيىدا «تۇراندا بىر يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب كىشىلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىغا ئېرىشكەن

19 - نويابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ئەسسەن شەھرىدە 27 - نۆۋەتلىك تۈرك قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان. قۇرۇلتايغا تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچېلى ئەپەندى، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىر، گېرمانىيىدىكى ھەر ساھەدىكى تۈركلەردىن بولۇپ 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. قۇرۇلتايدا تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە نەشىردىن چىقىۋاتقان «ئىستىقلال» گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق گېزىت تارقىتىش ۋەكىلى جەلالەتتىن باتۇر ئەپەندى مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.11.24
turk-conference-uyghur-305 سۈرەتتە قۇرۇلتايدىكى ئۇيغۇر بولمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA

يازغۇچى شائىر ئوسمان نۇرى شەن يازغان «تۇراندا بىر يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسەر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ قاتتىق قىزىقىشىغا ئېرىشكەن. كىتابنىڭ ئاپتورى ئوسمان نۇرى شەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە قۇرۇلتايدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىدە كىتابقا قول قويۇپ تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە كىشىلەر ئۆچىرەت بىلەن كىتابنى سېتىۋېلىپ ئۆزىگە قول قويدۇرغان. ئوسمان نۇرى شەن ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شېئىر، ماقالە ۋە كىتابلار يېزىپ ئېلان قىلغان كىشى بولۇپ، 2 يىل بۇرۇن «توختىمىغان قان شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى. بىز 27 - نۆۋەتلىك تۈرك قۇرۇلتىيى ۋە «تۇراندا بىر يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئوسمان نۇرى شەن بىلەن «ئىستىقلال» گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق تارقىتىش ۋەكىلى جەلالەتتىن باتۇر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.