يازغۇچى شائىر ئوسمان نۇرى شەن يازغان «تۇراندا بىر يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسەر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ قاتتىق قىزىقىشىغا ئېرىشكەن. كىتابنىڭ ئاپتورى ئوسمان نۇرى شەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە قۇرۇلتايدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىدە كىتابقا قول قويۇپ تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە كىشىلەر ئۆچىرەت بىلەن كىتابنى سېتىۋېلىپ ئۆزىگە قول قويدۇرغان. ئوسمان نۇرى شەن ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شېئىر، ماقالە ۋە كىتابلار يېزىپ ئېلان قىلغان كىشى بولۇپ، 2 يىل بۇرۇن «توختىمىغان قان شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى. بىز 27 - نۆۋەتلىك تۈرك قۇرۇلتىيى ۋە «تۇراندا بىر يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئوسمان نۇرى شەن بىلەن «ئىستىقلال» گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق تارقىتىش ۋەكىلى جەلالەتتىن باتۇر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00