ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كەنتلەردىكى «دېموكراتىك سايلام» ھەققىدە دېگەنلىرى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. ئۇنداقتا نۆۋەتتە خىتايدا يېزىلاردا ھەقىقەتەن دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت باشلىقى سايلاش ئومۇملاشتىمۇ؟ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى كەنت باشلىقى سايلاملىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، يېزىلاردىكى تەرەققىيات ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت باشلىقى سايلاش، ھەر بىر كەنتتە بىردىن ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن كەنت كادىرى بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «كەنت باشلىقىنى دېموكراتىك سايلاش»، «ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم كەنت باشلىقى سايلىمى ئۆتكۈزۈش»، «ھەر بىر كەنتتە بىردىن ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى كەنت كادىرى بولۇش» قاتارلىق خەۋەرلەرگە نىسپەتەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، «كەنت باشلىقىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىش»، «كەنت كادىرلىرى ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدە بولۇش» دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنى پەقەتلا تېلىۋىزور ھەم گېزىتلەردىكى خەۋەرلەردىلا ئاڭلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تېخى دېموكراتىك سايلاملار ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوتەن ھەم ئىلى قاتارلىق يۇرتلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزىلاردا «كەنت باشلىقىنى دېموكراتىك سايلاش» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلاردىكى كەنت پارتكوم سېكرىتارى، كەنت باشلىقى قاتارلىق كەنت كادىرلىرىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كادىرلار ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دېھقانلار رەسمىيەت ئۈچۈنلا بېلەت تاشلاپ، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، ئۇلارنىڭ كەنتىدە تېخى ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى كەنت كادىرىنىڭ يوقلۇقىنى، كەنت باشلىقىنىڭمۇ بۇندىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەينى كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە كەنت باشلىقى سايلىمى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلى دىيارىرىدىن زىيارىتىمىزنى قبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى، 80 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، يېزىلاردا «ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم كەنت باشلىقى سايلىمى ئۆتكۈزۈش» تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كەنت باشلىقلىرى نامزاتىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۇلارغا ئاۋاز بېرىش شەكلىدە كەنت باشلىقى سايلىنىپ چىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، ئۆز كەنتىدە كەنت باشلىقى سايلىمىنىڭ سودا خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل ئۇلارنىڭ كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان كەنت باشلىقى سايلىمىدا، ئىلگىرىكى يىللاردىكى سابىق كەنت سېكرىتارىنىڭ، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم كادىرلار ھەم شۇ كەنتتىكى ئۆز يېقىنلىرىغا كالا، قوي، يەر قاتارلىقلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق يەنە قايتىدىن كەنت باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان يەنە، ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى كەنت باشلىقىنىڭ دېھقانلارنى ھاشارغا ھايداش، جەرىمانە ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگىنى ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرى بىلىملىك بولۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ، دېھقانلارنى قورقۇتۇش بىلەن نام چىقارغان بۇ كىشىنىڭ يەنىلا كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.