ئامېرىكىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2004.11.15

411155058836--ss.jpg
(سولدىن) ئەركىن ئەكرەم، ئۆركەش، نۇرى، يۇداخەي، نىكولاس، شۈ ۋېنلى، خۇپىڭ dajiyuan.com resimi

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا شەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇرلاردا كىشىلىك ھوقۇق" دىگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، تېررورچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك دىگەن تېمىلار بويىچە تالاش- تارتىش بولدى.

يىغىندا ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، سىياسى پائالىيەتچىلەر، خىتاي دېموكراتىيە سېپىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلدى.

زوراۋانلىق ۋاستىلار بىلەن تىركىشىش

" بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ "غەيرى زوراۋانلىق ۋاستىلىرى بىلەن تىركىشىشنىڭ مۈمكىنچىلىك يوللىرى ھەققىدە" دىگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، جوڭگولۇقلار مەملىكەت ئىچىدە مىللىي كىملىكنى تونۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەسىراتقا ئىگە ئەمەس ئىدى، دەپ كۆرسەتتى. خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: "ئۇلار چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ھەتتا موڭغوللارنىڭ نىمە ئۈچۈن نارازى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى". خۇ پىڭ، غەيرى زوراۋانلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق تىركىشىش ھەركىتىنى تەشەببۇس قىلىپ "زوراۋانلىق ۋاستىلار بىلەن تىركىشىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن" دېدى. خۇ پىڭ، بۇ ئەھۋالدا خەلق ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلەر بىلەن مەقسىتىگە يېتىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ ئازىيىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە تېررورچىلىق

يىغىندا تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيە ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن تېررورچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى، مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى. تېررورچىلىق ئاتالغۇسىغا ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەركىن ئەكرەم "گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىراق، ھازىرغىچە رۇسىيە بىلەن پاكىستاندىن باشقا ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمىدى. بۇ ئاخىرى بېرىپ خىتاينىڭ ئۆزىنى خەلقئارادا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى." دېدى. ئۇ مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇتلىقىنى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق دىيىشكە بولىدۇ. بۇنى زو زۇڭتاڭنىڭ پادىشاھغا يازغان خەتلىرىدىن ئىسپاتلاش مۇمكىن" دېدى. ئۇ يەنە "بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ب د ت نىڭ 1960 يىلى قوبۇل قىلغان 1514 - نومۇرلۇق ھۆججىتى، مۇستەملىكە ئەللەردىكى خەلقنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق دەپ قارىغان" دېدى. ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر مىللىي مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئىجابىي يول بىلەن ھەل قىلمىسا ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتايلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ

يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئۆركەش دۆلەت، "شىنجاڭ مەسىلىسى ياكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەنزۇلار تىلغا ئېلىشنى ئانچە خالىمايدىغان بىر مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"مېنىڭچە خىتايلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە قانلىق باستۇرۇشلارنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكى بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بەزىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق - تۇققان، دوست - بۇرادەرلىرى شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولۇشى مۇمكىن". بىراق ئۆركەش دۆلەت، ئۇيغۇرلار يۈزلىشىشكە تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ " شىنجاڭدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ نۇپۇسى ئۇيغۇرلار نۇپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستان كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ" دېدى.

مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق

ئۆركەش، كومپارتىيىنى بۇ رايوندا مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىتى بۇنىڭغا تامامەن ئۇيغۇن" دەپ كۆرسەتتى. ئۇمۇنداق دەيدۇ: " خىتاي دىموكراتلىرى 15 يىلدىن بېرى بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك". خىتايلارنى ئالدى بىلەن ئۆز خاتالىقىنى تونۇشقا چاقىرغان ئۆركەش مۇنداق دىدى : ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. بىراق نەپرەت مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.شۇڭا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۆز ئارا يارىشىشدۇر".

ئامېرىكىلىق خىتايشۇناس نىكولاس پېكىلىن " تارىخ ۋە رىياللىق" دىگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، تەرەپلەر بۇ مەسىلىگە ئىگىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قاراۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ " مەسىلىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئىختىلاپنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشۈشى مۇمكىن" دەپ تەكىتلىدى. نىكولاس پېكىلىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودىدا چەتكە قېقىلغانلىقى، ئۇلار ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەھۋال. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سودا رايونى"، دەپ كۆرسەتتى.

مىللىي مەسىلە ۋە دېموكراتىيە

خىتاي ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى لۇ يۈشېن، " ئەگەر خىتايدا مىللىي مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمىسا خىتاي دىموكراتىيە ھەرىكىتى ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ" دىدى. بىراق ئۇ، ئالدى بىلەن دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، " مىللى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدىن ئايرىلىپ نوقۇل خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالسا، دېموكراتىيە مۇساپىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۈمكىن. بۇ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىننى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتلار پارتىيىسى، "بېيجىڭ باھارى" قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.