يىغىنغا يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىق شەخسلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىغىنغا تارىخ ۋە مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ كاتىپى مەھمەت خاقان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا تارىخ ۋە مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ باشلىقى مۇرات ھۆسەيىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا تارىخ ۋە مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ كاتىپى مەھمەت خاقان بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "يۈز يىللاردىن بېرى خىتاي زۇلۇم ئاستىدا قالغان ۋە 60 يىلدىن بىرى خىتاي ئىشغال ئاستىدا قالغان تۈرك - ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ يېقىندىن بىلىش ۋە بىلدۈرۈش، تارىخ ۋە مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر. بىز تارىخ ۋە مەدەنىيەت كۇلۇبى، تارىخىمىزغا ئىگە چىقىشقا ۋەدە قىلدۇق ۋە بۇنى دەستۇر بىلىپ خىزمەت باشلىدۇق، بۈگۈن سىلەر بىلەن بۇ ئەھمىيەتلىك مەسىلىنى ئاڭلاش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق. بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ 1759 - يىلدىكى خىتاي - مانجۇ ئىشغالىدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، 1949 - يىلى ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەندە، خىتاي دۆلىتى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى، 60 يىل داۋام قىزىل خىتاي يۈرگۈزگەن زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچلىقلارنى پۈتكۈل دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى چۈشىنىمىز."
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز "شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا دىققەت قىلىنىۋاتقان بۇ مەنىلىك كۈندە، 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە قىزىل خىتاينىڭ ئىشغال ۋە ئىستىلا ئاستىدا بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار ئېنىق بىر مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇر - ئالاقە قىلىشقا چەكلىمە قويغانلىقى ئۈچۈن ئىگىللىمەك بەك قىيىن ئەمما شۇنى دىيەلەيمىزكى، ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى چىققانلار، پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا قارشى چىققانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەر ئەمەس. خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىگە، ھاكىمىيەتكە، قارشى چىققان ھەر خىل تۈردىكى مۇخالىپ ھەرىكەتلەر ۋە دېموكراتىك پائالىيەتلەر رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلىدۇ."
ئىسمائىل چىنگىز سۆزىدە يەنە خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارغا تۈرمىلەردە ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئورۇنلاردا پۈتۈنلەي ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئۆلگەن شەخسنىڭ ئائىلىسىدىن ئوق پۇلى ئېلىنىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆزى ئۆلگەن ئوقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەشتىن ئارتۇق، ئېغىر خورلۇق بولمايدۇ. خىتايدا سىياسى جىنايەتچىلەرنىڭ، دەرىزىسى يوق قاراڭغۇ كامېردا قاتتىق تاش ئۈستىدە پۇت - قوللىرى باغلانغان ھالدا قامالغانلىقى ھەتتا ھاجەت قىلغۇسى كەلسە ياتقان يېرىگە ھاجەت قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ بۇ ئەھۋال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئەنگە ئېلىندى."
يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن سوئال سورىدى.
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ، "مەن بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم. بىز، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟" دېگەن سوئالىغا ئىسمائىل چىنگىز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "سىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارغا، دېموكراتىيە دۆلەتلەرگە ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئاڭلاتسىڭىز، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا پوچتا ۋە ئىنتېرنېت خېتى ئارقىلىق يوللاپ ئۇلارغا بىلدۈرەلىسىڭىز، بۇ ئەڭ مۇھىم خىزمەت، سىز خالىسىڭىز بۇ ئىشنى قۇلاي ۋە چىقىمسىز ھالدا قىلالايسىز ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلاتقان بولىسىز، پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويسا بۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خىزمەت بولىدۇ،" دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.