ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىن كەلگەن 60 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيىنىڭ ئانتاليە ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. خىتاي ئەلچىسى گوڭ شياۋشېڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. كېيىن ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «يېڭى يىپەك يولى خىتاي-تۈركىيە ساياھەت ۋە ئاخبارات مۇنبىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىننى تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا خىتاي ھەيئىتىدىكى خىتاي بانكىسى، خىتاي ساياھەت شىركىتى، خىتاي ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشتى.

ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «يېڭى يىپەك يولى خىتاي-تۈركىيە ساياھەت ۋە ئاخبارات مۇنبىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىدىن شەناي باشەر خانىم، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ساھاسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، 2012-يىلىنى تۈركىيىدە خىتاي يىلى، 2013-يىلىنى خىتايدا تۈركىيە يىلى ئېلان قىلغانلىقىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈتكەن سەۋىيىدە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوڭ خىياۋشېڭ سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى خىتايدىن تۈركىيىگە 100 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل 120 مىڭ خىتاي ساياھەتچى كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گوڭ تۈركىيىنىڭ مەقسىتىنىڭ مىليونلىغان خىتاي ساياھەتچىسىنىڭ تۈركىيىگە ساياھەتكە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ مەقسەتكە يېتىشكە تېخى ئۇزاق يول بارلىقىنى ئەمما بۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىنىڭ «تائىمەتۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيىنى پۇل ئەۋەتىشتە خەتەرلىك دۆلەت تىزىملىكىگە قويغانلىقى يېزىلغان.
تۈركىيە ئافغانىستان، ئاڭگولا، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىنكى خەتەرلىك، يەنى بانكىلىرى ئىشەنچسىز دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ئىكەن. مەزكۇر خەۋەردە بۈگۈن تۈرك كارخانىچىلار خىتاي بانكىسى ئارقىلىق تۈركىيىگە پۇل ئەۋەتىمىز دەپ كىرسە پۇل ئەۋەتكىلى قويمىغانلىقى يېزىلغان.
خىتاي باش مىنىستىرى «2000-يىلى تۈركىيىگە بىر يېرىم مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، 11 يىلدا ئارانلا 100 مىڭ خىتاي ساياھەتچىسى كەلگەن، بۈگۈن 16 مىليون نوپۇسى بار قازاقىستاندىن ھەر يىلى تۈركىيىگە كەلگەن ساياھەتچى سانى 90 مىڭ ئەتراپىدا. يېقىندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن خىتاي ھەيئەتلەرنىڭ كېلىشى، يىغىنلار چاقىرىشى ھەتتا 2012-يىلىنى تۈركىيىدە خىتاي يىلى، 2013-يىلىنى خىتايدا تۈركىيە يىلى ئېلان قىلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ خىتاي بىر تەرەپتىن تۈركىيىدە بانكا ئېچىشقا تىرىشسا يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىدىكى سەۋەب نېمە دېگەن سوئاللارغا مۇتەخەسسىسلەر جاۋاب بەردى.