بېرلىندا يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى


2007.10.18

14 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھرىدە "يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى" باشلاندى. 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگە قەدەر بىر ئاي داۋام قىلىدىغان بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان 190 ئەۋرىشكە قاتناشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 180 دانىسى تارىم ۋادىسىدىن يېڭىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرى بولۇپ، بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تارىخى كىشىلەرنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان.

4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يالدامىلار

چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىپەك يولىغا ئائىت مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى چەتئەلدە كۆرگەزمىگە قويۇشى تۇنجى قېتىملىق بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرغا قەدەر خىتايلار ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنى چەتئەللەردە كۆپ قېتىم كۆرگەزمە قىلغان بولسىمۇ، خىتاي مەدەنىيىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخى كۆرگەزمە قىلىپ باقمىغان ئىكەن.

بۇ كۆرگەزمە يولغا قويۇلغان بىر قانچە كۈندىن بېرى، گېرمانىيىدىكى ھەر ساھە ئارخېئولوگلارنىڭ، تارىخچىلار ۋە قەدىمقى مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلغان. بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تارىخى 4 مىڭ يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ ئۇزۇن تارىخى دەۋىردە يارالغان مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئىلغارلىقى كىشىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىكەن.

يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك سىرلىق قىممىتى"

گېرمانىيىدە نەشىردىن چىقىدىغان "دۇنيا گېزىتى"نىڭ 16 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بەرتھولد سەئەۋالد ئەپەندىنىڭ "يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك سىرلىق قىممىتى" ناملىق ماقالىسىدە، بۇ كۆرگەزمىنىڭ تەكلىماكان ۋادىسى مەدەنىيىتى ھەققىدە يېڭىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر قىزىقىش قوزغايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىش ئېلىپ بارغان سۋەن ھەدىن ۋە ئائۇرەل ستەئىنلارنىڭ ئەينى زامانلاردا تەكلىماكان ۋادىسىدىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى مەدەنىيىتىگە ئائىت ئاسارە - ئەتىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم لوپنوردىن يېڭىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرى، دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن.

بۇ كۆرگەزمىگە تارىم ۋادىسىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ قەدىمقى ئائىلە سايمانلىرىدىن سىرت، لوپنوردىن تېپىلغان پۈتۈن ساقلانغان جەسەت، ئالتۇن نىقاپ، ئالتۇن بىلەيزۈك، رەڭلىك كىيىم - كېچەك ۋە تاشلارغا يېزىلغان قەدىمىي خەتلەر قاتناشتۇرۇلغان. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلىرىگە ئائىت بۇنداق بىر ئەۋرىشكە بۈگۈنكى زاماندا كەمدىن كەم تېپىلىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات يوق

„يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى" ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇزۇن تارىخى ھەققىدە بايانلار بېرىلىۋاتىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى، ھىچ بىر تەشۋىقاتتا تېخى بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى ۋە بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىختىراچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىدى.

گەرچە لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جەسىتى ئەمەسلىكى، بۇرنى، ساقال - بۇرۇتى ۋە بەدەن ھالىتىدىن خىتايغا ئەسلا ئوخشىمايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭ قەدىمقى رىم ياكى ھۇنلارنىڭ جەسەتلىرى بولۇشى مۈمكىنلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇشى مۈمكىنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەشۋىقاتلاردا، بۇ تۇپراقتا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى ۋە ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بەرتھولد سەئەۋالد ئەپەندى "يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك سىرلىق قىممىتى" ناملىق ماقالىسىدە، بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ خىتاي سۇلالىلىرىدا يارالغان مەدەنىيەتلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ تارىم ۋادىسىدا ياشىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن تامامەن خالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما "ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى،" دېگەن ئىبارىنى ھىچ ئىشلەتمىگەن.

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار، بۇ خىل چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ، بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قامال قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس ئۆرپ - ئادەتكە، مەدەنىيەتكە ۋە ئالدى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولمىغان تىل سىستېمىسىغا، دىنىي ئېتىقادقا ئىگە باشقا قان سىستېمىسىدىكى بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

قانداقلا بولمىسۇن، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى "يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى" نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئايرىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن مەدەنىيەت يالدامىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.