خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇر رايونىغا ئورنىتىلغان كامېرالاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ" دېدى

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىغا ئورنىتىلغان كامېرالاردىن ھېچنېمىنىڭ قۇتۇلۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

0:00 / 0:00

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى داۋاملىق ھالدا كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ باياناتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي دائىرىلىرى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ - قات ئارتتۇرۇۋاتقان بولۇپ، پويىز ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، ھەرقايسى مېھمانخانا - ئۆتەڭلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق تەقىبىگە ئېلىنغان. سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا تورى ئۆز خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدىكى بەزى سەزگۈر ئورۇنلارنىڭ نەچچە مىڭلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە يەر بەرگەن. " خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنى تولۇق تەقىب ئاستىغا ئالدى" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009- يىلى قانلىق ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىڭلىغان كامېرالار ئارقىلىق تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھېلىھەم ئىنتايىن چىڭلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكى، 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلىقى شۇنداقلا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

urumchi-herbi-kochida-385.jpg
ھەربىي ھالەتتىكى ئۈرۈمچى. 2009-يىلى. (www.guardian.co.uk)

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 5- ئىيۇل ۋەقەسى بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا يۇقىرى كۆرۈنۈش سۈپىتىگە ئىگە بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىدىن تەخمىنەن 40 مىڭنى ئورناتقان بولۇپ، 17 مىڭ ئاپپاراتنىڭ ئۆزىلا ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئورنىتىلغان. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن بۇ يەنىلا يېتەرسىز بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جېرىللا ھىسامىدىننىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى يەنە داۋاملىق ئارتتۇرۇلىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: ئۈرۈمچىدىكى ئۇچۇر - ئالاقە، تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يەنيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا ئورنىتىلغان بۇ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، بۇ دېگەنلىك بۇ كامېرالاردىن ھېچنېمە قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ، دېگەنلىك. خىتاينىڭ بۇ خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىش ئەھۋالى بىر يېڭىلىق ئەمەس، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىت ۋە تىبەتتىكى بۇتخانىلار 2008- يىلىدىن تارتىپلا بۇ خىل كامېرالار ئارقىلىق كۆزىتىلىپ كەلگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە تېررور ماركىسى چاپلاپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيىدىكى ئىمس ئىسىملىك بىر تەتقىقات ئورنى خىتايدا 10 مىليوندىن ئارتۇق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 400 مىڭ كامېرا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە 3400 ئاپتوبۇس، 4400 كوچا - كوي، 270 مەكتەپ ۋە 100 سودا سارايغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقان.
دەرۋەقە، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى ۋە شۇنداقلا ئادەملەر كۆپ يىغىلىدىغان ئورۇنلار ۋە ھەتتا تاكسىلارغىمۇ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەدبىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىمۇ، ئۇيغۇر رايونىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىش بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى دېيىلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن رايوننىڭ ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارا تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ 6 ئايدىن ئوشۇق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چەتكە قېقىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنلىكى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنى رەت قىلىپ، خىتايدىكى بارلىق ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ تەڭ - باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.