خىتاي سەھىيە مىنىستىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ياش-ئۆسمۈرلەرگە «ياۋا يۇلغۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى» ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، 4‏-قېتىملىق ئەملەش خىزمىتى 17‏-مارت باشلانغان بولۇپ، 21‏-مارت چارشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011‏-يىلى 8-ئايدا خوتەندە بىر تىپلىق بالىلار يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى-«wild polio virus» يەنى «ياۋا يۇلغۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى» بايقالغاندىن كېيىن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ ۋە كورلا قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلارنى ئاساس قىلىپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. سەھىيە تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر 3 قېتىم ئەملەش ئېلىپ بارغان. ئىگىلىشىمىزچە، 4‏-قېتىملىق ئەملەش خىزمىتى 17‏-مارت باشلانغان بولۇپ، 21‏-مارت چارشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن. دائىرىلەر يەنە، 22-، 23-مارت كۈنلىرىنى تولۇقلىما ئەملەش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بىز ئەملەش خىزمىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلغان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. لېكىن، ئىلىدىكى سەھىيە نازارەت ئورنىنىڭ بىر خادىمى، ئېلىدە بۇ خىل ۋىرۇس بايقالمىغانلىقى، ئەملەش خىزمىتىنىڭ «كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

خې فامىلىلىك بۇ خادىم: ئىلىنىڭ كۈچەيتىپ ئەملەش خىزمىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى. ئەملەش خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىمۇ بىر قەدەر روشەن. بىراق بۇ يەردىكى ھالقىلىق نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا كۆپ پۇل ئاجرىتىۋاتقانلىقىدا. پۇل بولغاچقا بىز دورىنى پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز. سىزگىمۇ مەلۇم بولسا كېرەك، ئەگەر پۇل بولمىسا بىز ھېچقانداق ئىش قىلالمىغان بولاتتۇق. ھۆكۈمەت ناھايىتى كۆپ پۇل ئاجراتقاچقا ئەملەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. راست گەپنى قىلسام ئىلى تەۋەسىدە بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىرىمۇ بايقالمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدىن بۇيان، جەنۇبتىكى ۋىلايەت ، ئوبلاستلارنى ئاساس قىلىپ، 2 مىليون 165 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپ ئەملەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەملەشكە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى يەنىلا ئېغىرلىقى، شۇڭا ئەملەشنى رەت قىلىدىغان ئائىلە ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇرۇن ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەملەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارغا كوللېكتىپ رېئاكسىيە قىلىشتەك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. بۇ ئەھۋاللار بەزىدە «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە ئوخشاش ئۇيغۇرلار باستۇرۇلغان نازۇك بىر مەزگىللەردە يۈز بەرگەچكە، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردىكى پەرزەنتلىرىنى ئەملەشكە گۇمان بىلەن قارايدىغان ھۆكۈمەتكە «ئىشەنمەسلىك» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

بۇ خىل قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى جاۋابكار بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل «گۇمان»نى خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى قاتتىق قوللۇق، باستۇرۇش ۋە بىر تەرەپلىمىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى تۇنجى بولۇپ خوتەندە بايقالغان مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ پاكىستاندىن كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان بۇ خىل ۋىرۇس دائىم كۆرۈلۈپ تۇرۇلىدىغان يۇقىرى خەۋپ خەتەرلىك رايون ھېسابلىنىدۇ.

خىتايدا بۇ خىل ۋىرۇس ئاخىرقى قېتىم 1999‏-يىلى بايقالغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىل سۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرى ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق بۇ خىل ۋىرۇس مەۋجۇت دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 1999‏-يىلدىن بۇيان، بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ئەملەشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئولىۋېر روسېنبېيرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسىدىن خالى رايونلارنىڭ ھەر ۋاقىت خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭا دائىم مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئېلىپ ئېلىپ تۇرۇشى زۆرۈر. ئۇ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىپ: دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۇقۇملۇق يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، مەزكۇر ۋىرۇستىن خالى رايونلارنىڭ خەۋپكە يولۇقۇش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا قارشى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يۇقۇملۇق ۋىرۇس بايقالغان رايوننى دەرھال قامال قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى قانچىلىك تېز بولسا شۇنچىلىك جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىش. ئىككىنچىدىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دائىم ۋىرۇسقا قارشى ئەملەش ئېلىپ بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش، دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە رايوندىكى سەھىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چىن جۇ يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۇلۇن ياللۇغىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

چېن جۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 3-،4‏-ئايلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەسىل ئالمىشىش مەزگىلى بولۇپ، ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا، ئادەملەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ۋىرۇسنىڭ يەنە باش كۆتۈرۈش خەۋپى زور ئىكەن.

چېن جۇ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ يەنە بايقالمىغانلىقى، ئۇنىڭ رايونغا سىرتتىن كىرگەنلىكى، يەرلىك ۋىرۇس ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ئولىۋېر روسېنبېيرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 5 ئايدىن بۇيان بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ بايقالمىغانلىقى كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، بىراق بۇ قەرەل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى توختىدى دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە خىتاينىڭ ۋىرۇس تارقىلىشقا قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنى ئومۇمەن يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ۋىرۇس تارقىلىشقا قارشى خەلقئارا كۆرسەتمىلەرگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق ھەرىكىتىدە ئىپادىلەندى. بىراق پاكىت شۇكى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ بايقالمىغانلىقى كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، بىراق 5 ئايلىق بۇ قەرەل «ۋىرۇسنىڭ تارقىتىلىشى توختاپ ، ھەر ئىش جايىغا چۈشتى» دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئەمەس. رايوندا ئەملەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بۇ تۇتۇشقا تېگىشلىك توغرا يول.

لېكىن ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ خې فامىلىلىك خادىمى ئەملەشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى رەت قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنى يالغان سۆزلەش بىلەن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەملەش توختىتىپ قويۇلمىغان بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ ۋىرۇسنىڭ خوتەندە پارتلىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالدا ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنى كەچۈرۈڭ، مەن جەنۇبلۇق بولمىغانلىقىم ئۈچۈن سىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقەتەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىز. مېنىڭ ۋەزىپەم بۇ يەردىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالغا ئوخشىمىغان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن ئەمەس. دۆلەتنىڭ سىياسىتى ھەممە يەرگە ئوخشاش يۈرگۈزۈلىدۇ. جەنۇبىدىكى رايونلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىز ئاڭلاپ باقمىدۇق. ھۆكۈمەت ۋە نۇر بەكرى يېقىندا خوتەندە يەنە يۇقۇملۇق ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئېھتىمال بىزنى ئەملەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ئېلىپ بارسۇن دېگەننى مەقسەت قىلغاندۇر. رەھبەرلىك بىر نەرسە دېسىلا بۇ يەردە مەسىلە چىقتى دېگەنلىك ئەمەس.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى جۈرئەت ئىمىن يېقىندا خوتەندە يەنە، A تىپلىق H1N1 قۇش زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان 22 كىشى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدىن بۇيان خوتەندە بايقالغان بالىلار يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسىدىن باشقا، 2‏-بىر خىل ئەجەللىك ۋىرۇسنىڭ بايقىلىشىدۇر. 2011‏-يىلى 8‏-ئايدا تۇنجى يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، شۇ يىلى 10 ‏ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان 2 1 كىشىگە دىئاگنوز قويۇلغان. يۇقۇملانغانلاردىن ئاز دېگەندە بىر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىزگە مەلۇم. دائىرىلەر 5‏-قېتىملىق ئەملەش خىزمىتى 4‏-ئاينىڭ 16‏-كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.