سابىق مۇئاۋىن رەئىس يۈسۈپ ئەيسانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا سەۋەب دەپ قارىلىۋاتقان 49-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا، 1998- يىلى ئۇشتۇمتۇت ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ ئەمما بۇنىڭ قانائەتلىنەرلىك بىر سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئامما ئارىسىدا تارقالغان گەپ-سۆزلەردە بولسا، يۈسۈپ ئەيسانىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن چوڭ بىر مىللىي ھەقسىزلىق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرغانلىقى، يەنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چىقارغانلىقى؛ شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى بايان قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. يېقىندا بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز يۈسۈپ ئەيسانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولدى دەپ قارىلىۋاتقان ئەنە ئاشۇ ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1994-يىلى، ئۈرۈمچىدە دوللار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھەممەت سەيپىدىن ئىسىملىك بىر تىجارەتچى، دۇڭبېيلىق ۋۇ ياۋپىڭ ئىسىملىك بىر ئالدامچى تەرىپىدىن پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ۋۇ ياۋپىڭ نەق جىنايەت مەيدانىدا تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە 1995-يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بىراق ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئاۋۋال قاتىل تۈرمىدىن قېچىپ كېتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە بۇ ناھەقچىلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

بۇ ۋەقە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكىسىنىڭ نالە-پەريادى ئابلەت ئابدۇرېشىتتىن، ئىسمائىل ئەمەتكە قەدەر بارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارىدۇ. ئەمما، ئۇلاردىن قۇرۇق ھېسداشلىقتىن باشقا چارە تېپىلمايدۇ. ئاخىرى، مۇئاۋىن رەئىس يۈسۈپ ئەيسا ۋەقەگە قول تىقىدۇ ۋە تۆۋەندىكى ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرىدۇ.

يۈسۈپ ئەيسا يىغىننى خۇلاسىلەپ، مەسىلىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چىقىرىدۇ.

ھۆججەتتە، قاتىلنى تېپىپ جازالاشتىن باشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش، ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۇيرۇلىدۇ.

مەسىلىنىڭ داغدۇغىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ھۆججەت مەخپىي دەپ بېكىتىلىدۇ ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە ئەۋەتىلىدۇ.

گەرچە، مەزكۇر ھۆججەتتىكى قارارلار، خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن بولسىمۇ، مەزكۇر ھۆججەت ئىجرا قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قاتىلنىڭ ئارقا تىرىكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈكمۇ ۋە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۆز مىللىتى تەرەپتە تۇرۇپ قارار چىقىرىشىنى كۆرۈپ ئادەتلەنمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ بۇ ھازىرغىچە سىر ھالەتتە. ئەمما، تېخىمۇ سىرلىق بولغىنى يۈسۈپ ئەيسانىڭ ئەنە ئاشۇ ھۆججەتنى چىقىرىپ بىر يىلدىن كېيىنلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىدۇر.

يۈسۈپ ئەيسانىڭ مەزكۇر ھۆججەت سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى، پەقەت ئامما ئارىسىدىكى بىر پەرەزدۇر. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن سۆز قىلىدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى ھاكىمىيەت بېشىغا يېقىن كەلتۈرمەسلىك ئەنئەنىسى يۇقىرىقى پەرەزنىڭ توغرىلىق ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.