تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك تونۇشتۇرۇلدى
2012.10.26

بۇ پروگراممىدا تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ناجىيە يىلدىز خانىم، پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، پروفېسسور دوكتور ئولجۇبەي قاراتايىف، قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تۇنجەر گۈلەنسوي، دوكتور قالىيە قۇلالىيۇۋا، قىرغىزىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسورى بۇبىنا ئورۇزبايۇۋا قاتارلىق تەتقىقاتچى ئالىملار، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
تەتقىقاتچىلار، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن قايسىغا مەنسۇپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئالىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نادىر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئۇزۇن زامان چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروگراممىدا پروفېسسور دوكتور ناجىيە يىلدىز خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قۇتادغۇبىلىك ئەينى دەۋردىكى باشقا ئەسەرلەردىكىگە ئوخشاش ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرت ۋە سالام يوللاش بىلەن باشلانغان. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىلەن قۇتادغۇبىلىك 11-ئەسىردە يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ئەدەبىي ئەسەردۇر. ئۇ دەۋردە يەنە تۈركىي تىللار دىۋانىغا ئوخشاش باشقا قىممەتلىك ئەسەرلەرمۇ يېزىلغان بولۇپ، ئەمما تۈركىي تىللار دىۋانى تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى شاھئەسەردۇر. 11-ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بىرى تۈرك تىلىدا يېزىلغان قۇتادغۇبىلىك ئەسىرى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.
قۇتادغۇبىلىكنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان 3 خىل نۇسخىسى مەۋجۇت
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك دېگەن ئەسىرى، ئۇ دەۋردە ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ياكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. شۇ سەۋەبتىن قۇتادغۇبىلىك ئۆتمۈشنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىرىدە يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلگەن كىشىلەر ئۇ ئەسەرنى يوق بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان ۋە قۇتادغۇبىلىكنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلغان.
ت ر ت تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نادىر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: قۇتادغۇبىلىكنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ نۇسخىسى بار. بۇلاردىن بىرىنچىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان نۇسخىسى بولۇپ، ھىرات نۇسخىسىدۇر. ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى، بېزىلەر بۇ نۇسخا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلىپ ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دېگەن قاراشلارمۇ بار. ئىككىنچى نۇسخىسى پەرغانە نۇسخىسى، بۇ نۇسخىنى 1924-يىلى ئۆزبېك ئالىم فىترەت تېپىپ چىققان، سۇلۇس ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان بۇ نۇسخىسىنىڭ ھىرات نۇسخىسىدىن تېخىمۇ كونا نۇسخا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى نۇسخىسى بولسا مىسىر نۇسخىسى، بۇ نۇسخا 1896-يىلى قاھىرە پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەينى زاماندىكى مۇدىرى گېرمانىيىلىك ئالىم مورىتىز تەرىپىدىن تېپىلغان. كۇتۇپخانىنىڭ ئاستى قاتتىكى ئامبارغا تاشلىۋېتىلگەن ۋە يىرتىلىپ كەتكەن ھالدا تېپىلغان بۇ نۇسخا تاسادىپىي ھالدا يوق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان.
پروگراممىدا پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن قۇتادغۇبىلىكنىڭ تەسىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قۇتادغۇبىلىكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ قوليازما نۇسخىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن ئىككى نۇسخىسى ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەرلەر كېيىنكى دەۋردە تېپىلغان يەرلەرنى سۆزلەيدىغان بولساق، قانچىلىك كەڭ بىر جۇغراپىيىگە تارقالغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ نۇسخىلاردىن بىرى 1897-يىلى مىسىر قاھىرەدە تېپىلغان. بۇ نۇسخا ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان. يەنە بىر نۇسخىسى پەرغانىدە تېپىلغان يەنى ھازىر ئۆزبېكىستاندا مەۋجۇت. يەنە بىرى ئىستانبۇلدا تېپىلغان. بۇ كىتابنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلىمىز، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نۇسخىسى ھىراتتا يېزىلغان يەنى ھازىرقى ئافغانىستاندا. يەنە بىر نۇسخىسى فاتىھ سۇلتاننىڭ ئوغلى بەيازىت دەۋرىدە ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن. كېيىن ئىستانبۇلدىن ئاۋسترىيىنىڭ ۋىيانا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر ئۇ كىتاب ۋىيانادا ساقلانماقتا. دېمەك قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نۇسخىسىنىڭ ئىستانبۇل، مىسىر ۋە تۈركىستان دېگەنگە ئوخشاش كەڭ بىر جۇغراپىيىدە تەسىرى بار دېمەكتۇر. بۈگۈن قولىمىزدا بار بولغان ئۈچ نۇسخىدىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئەينى زاماندىكى بۇ نۇسخىلىرىنىڭ تارىخلىرىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن زامان داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نۇسخىسى 1430-يىللاردا يەنى تېمۇرنىڭ ئوغلى شاھرۇھنىڭ زامانىدا يېزىلغان. دېمەك ئۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى 1068-يىلى يېزىلغان. 1068-يىلدىن 1430-يىلغىچە ئۇنىڭ تەسىرى داۋام قىلغان ۋە قولدىن -قولغا ئۆتۈپ ساقلىنىپ كەلگەن. كېيىن فاتىھ سۇلتاننىڭ ئوغلىنىڭ دەۋرىدە ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن. يەنى ئىككىنچى بەيازىتنىڭ زامانىدا يەنى 1481-يىللاردا فاتىھ سۇلتان ۋاپات بولدى. بۇ ئەسەر 1490-يىللاردا ئىستانبۇلدا تەسىرىنى كۆرسەتتى.
مىسىر نۇسخىسىغا 1370-يىللاردا مىسىردا ئىزاھات يېزىلغان. دېمەك بۇ ئەسەر 11-ئەسىردە يېزىلغان بولسىمۇ، 15-ئەسىرگىچە تەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىدا يەنە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك دېگەن ئەسىرىنى تۇنجى بولۇپ قايسى تىلدا يازغانلىقىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان تارتىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تۈرك خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆزلىرىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى، مۇھىم بولغىنى قۇتادغۇبىلىكنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەتلىك ئورتاق شاھ ئەسەرى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان، تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.