ئىستانبۇلدا 'يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇنىڭ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان' ناملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى بۈيۈك ئالىم، مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە قاراخانىيلار خاقانلىقىنىڭ ئوردا باش مەسلىھەتچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 990 ‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ۋافا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا، "يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇنىڭ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ئەنقەرە، قەيسەرى قاتارلىق تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئوقۇتقۇچىلار، دوكتۇر، پروفېسسورلار ۋە يازغۇچىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئىستىقبال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، تۈركىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور دوكتۇر نەۋزات يالچىنتاش تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئۇيغۇر تەزجان قاتارلىق شەخسلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ ئۇيغۇرلار ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە توختالدى.

يىغىندا تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتۇر نەۋزات يالچىنتاش سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردە بىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. ھەقىقەت خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز پەقەت ئاددىي بىر نامايىش قىلدى. نامايىش جەريانىدا خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى. ئەمدى قارايدىغان بولساق داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ۋە قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتىدۇ. گېزىت - ژۇرناللاردا ئوقۇۋاتقىنىمىزغا ئوخشاش، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قانچىلىك زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ۋاز كەچمەسلىكنىڭ باشقا بىر سەۋەبى نوپۇس مەسىلىسى، چۈنكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى كەڭرى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويدى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى يۆتكەپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسنى كۆپەيتىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇش چەكلەندى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزۈمنى بۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمەن."

يىغىندا يەنە تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىگە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىپئارسلان جەيلان رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا قەيسەرى ئەرجېس ئۇنىۋېرسىتېتى، تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلقادىر يۇۋالى "قۇتادغۇبىلىكتە دۆلەت ‏ۋە خەلق، باشقۇرىدىغان ۋە باشقۇرۇلغان كىشىلەر" دېگەن تېمىدا، سۇلايمان دېمىرال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر كەمال گۆدە "قۇتادغۇبىلىكتە ئۇيغۇر تۈرك سۇلتانى ئالاۋىددىن ئەرەتنانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە دۆلەت ئەربابلىقى" دېگەن تېمىدا، مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، "21 ‏‏‏- ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادلىرى" دېگەن تېمىدا، ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەريەم ھاكىم، "بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن 2،‏- قېتىملىق يىغىن باشلاندى. يىغىنغا مېمار سىنان گۈزەل ‏- سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەخمەت تاشاغىل رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى، "يۈسۈپ خاس ھاجىپتا ئەفلاتوننىڭ تەسىر بارمۇ يوقمۇ؟" دېگەن تېمىدا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر "قۇتادغۇبىلىك ۋە ئاساسى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز" دېگەن تېمىدا، ئادنان مەندەرىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر سەلچۇق چولاقئوغلۇ "يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىگە بەيكەن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مەتىن قارائۆرس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم"ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى"، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى چاغداش تۈرك شىۋەلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت "خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تىل سىياسىتى" دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىمى مەغپىرەت كەمال يۈنۈسئوغلى "يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قەشقەر" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇل 27 ‏- نوتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى ھەمدى دامېرلار ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۆزى تارتىپ كەلگەن رەسىملەرنى چوڭ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتتى.

ئاخىرىدا، يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان شەرەپ تەقدىرنامىسى تەقدىم قىلىندى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.