خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەردىكى زاكات ۋە سەدىقىغىمۇ قول ئۇزاتماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرنى كونترول قىلىشنى يىلدىن - يىلغا كۈچەيتمەكتە. ئۆتكەنكى يىللاردا مەسچىت باشقۇرۇشتا، مەسچىتلەرنى سىرتتىن نازارەت قىلىشنى ئاساسى مېتود قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە، مەسچىتنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ باشقۇرۇشنى ئاساسى مېتود قىلماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مەسچىتتە ئوقۇلۇۋاتقان خۇتبىغىلا ئەمەس، مەسچىتنىڭ كاسسىسىدىكى زاكات ۋە سەدىقىغىمۇ قول ئۇزاتماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قارىماي شەھىرىدە يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەسچىتلەردە توپلانغان زاكات ۋە سەدىقىلەرنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالغان. نۆۋەتتە مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى زاكات ۋە سەدىقىنى ھەر قانداق بىر ئىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولسا، چوقۇم ھۈكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

0:00 / 0:00

بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قارىماي شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەسئۇل خادىم مەزكۇر تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرلىكتە، بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا جامائەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ئەمما، قارىماي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى، بۇ تۈزۈمنى جامائەت تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى تۈزۈپ چىققانلىقىنى؛ ھازىر ھېيت - نامازلاردا چۈشىدىغان پۇلنىڭ ئۇدۇل ھۆكۈمەتنىڭ كاسسىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر تۈزۈمنىڭ، ھۈكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىكىدىن ھەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمنى نۆۋەتتە سىناق تەرىقىسىدە قارىمايدا يولغا قويغان. ئەگەر بۇ تۈزۈمگە جامائەتتىن قاتتىق بىر قارشىلىق كەلمىگەن ۋە ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، مەزكۇر تۈزۈمىنى پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويماقچى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىنىي زات ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، مەسچىتتىكى پۇلنىڭ قولدىن كېتىش مەسىلىسى ئەمەس، مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتنىڭ ئىشلىرىغا ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىپ، مەسچىتنىڭ پاكلىقى ۋە ئىبادەتنىڭ توغرىلىقىغا دەخلى قىلىشىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.