ئاچچىقسۇدىكى زەھەرنىڭ مەنبەسى شەندۇڭ، زەھەرنى خوتەنگە يوللىغۇچى جاڭ دېيۈەن

بىز بۈگۈن يەنە گۇمىدا 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە، زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ئىشلەتكەن لەڭپۇڭچى ۋە زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ساتقان يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، زەھەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاچچىقسۇنىڭ ئىشلىنىشىدە ئەمەس، ئاچچىقسۇ قاچىلانغان باكتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز يېمەك-ئىچمەك شىركىتىگە مەزكۇر زەھەرلىك باكنى ساتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى سودىگىرى روزى توختىنى زىيارەت قىلدى. روزى توختى مەزكۇر زەھەرلىك باكنىڭ شەندۇڭدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، باكنى تەمىنلىگۈچىنىڭ، جاڭ دېيۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاچچىقسۇدىكى زەھەرنىڭ مەنبەسى شەندۇڭ، زەھەرلىك باكنى يوللىغۇچى جاڭ دېيۈەن ئىسىملىك خىتاي تىجارەتچى. ئەمما، زەھەرنىڭ ھەقىقىي تەركىبى ئېنىق ئەمەس. جاڭ دېيۈەننىڭ زەھەرلىك باكنى خوتەنگە يوللىشى ئاددىيلا بىر دىققەتسىزلىكتىنمۇ ياكى خىتاي جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان مۇلازىمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىنمۇ ۋە ياكى ئامما ئارىسىدا بەزى كىشىلەر ئەندىشە قىلغاندەك، مىللىي ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىققان بىر سۈيىقەستمۇ؟ خىتاي دائىرىلىرى، خوتەندىكى ئاساسى قاتلام رەھبەرلىرىگە ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىن بىلىشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى بىلىش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغانلارنى سورىماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابى، پەقەت ۋە پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 3 ئايدىن بېرى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا مەۋجۇتتۇر.