شەرقىي گېرمانىيىدە 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۆلدۈرگەندە زەھەرلىنىش ۋەقەسى پۈتۈن گېرمانىيىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى. گېرمانىيە خەلقى يالغۇز زەھەرلىك بۆلدۈرگەن ئېكسپورت قىلغان خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپلا قالماي، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرىنى، گېرمانىيە تاموژنىسىنى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۇ بۆلدۈرگەنلەر تەركىبىدىن ئاشقازاننى ياللۇغلايدىغان نورو مىكروبى بايقالغان ئىدى.
گەرچە بۈگۈن، بۇ خىل كېسەللىك قايتا بايقالمىغان، خىتاي مېۋىسىدىن زەھەرلەنگەن 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا ساھەسى ۋە خەلق ئارىسىدا بۇ مەسىلە تۈپەيلى پەيدا بولغان بەس-مۇنازىرە بېسىقمىدى. گېرمانچە تور بەتلىرىنى خىتاي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى قاپلىدى. خىتاي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى توپ كىرگۈزىدىغان گېرمانىيىدىكى ئەلبەفروست ناملىق ئەڭ چوڭ سودا شىركىتى 9-ئۆكتەبىر كۈنى مەتبۇئاتلارغا «بۇندىن كېيىن خىتايدىن بۆلدۈرگەن ئالمايمىز!» دەپ ئېنىق جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. 8-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ شىركەتتىن زەھەرلىك بۆلدۈرگەننى سېتىۋېلىپ شەرقىي گېرمانىيىدىكى مەكتەپلەرگە توپ تارقاتقان سودېخو شىركىتىمۇ خەلقتىن ئەپۇ سورىغان ئىدى.
باش شتابى بېرلىندىكى روبېرت كوخ تەتقىقات مەركىزى خىتاي ئىستېمال بۇيۇملىرىدا ئېغىر دەرىجىدە سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى 3-چوڭ يېشىل يېمەكلىك بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇنىڭ يىللىق بۆلدۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىلا 1 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. گېرمانىيە بولسا خىتاينىڭ ئاساسلىق بۆلدۈرگەن ئېكسپورت قىلىدىغان ئوبيېكتى. خىتاينىڭ بۆلدۈرگەن ئېكسپورتىدىن ئېرىشىدىغان يىللىق پايدىسى 170 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ئەمما گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە تۈپەيلى، خىتاي تەرەپنىڭ ئەمدى بۇ پايدىغا داۋاملىق ئېرىشىش پۇرسىتى يوق.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم بۇ ۋەقە تۈپەيلى گېرمان خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا زور بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى، ياۋروپا تۇپراقلىرىنى پاخال قىلىۋاتقان خىتاي تاۋارلىرى بازىرىنىڭ كاساتلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
گېرمانىيىدىكى تىراژى ئەڭ يۇقىرى بولغان «سۈرەتلەر گېزىتى» 9-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «ئەمدى ھەرگىزمۇ خىتايدىن بۆلدۈرگەن ئالمايمىز» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، سۈپىتىگە خىتاي خەلقىمۇ ئىشەنمەيدىغان خىتاي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى گېرمانىيىگە قايتا ئىمپورت قىلماسلىق تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىن قايسى مەھسۇلاتنىڭ گېرمانىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، قايسى مەھسۇلاتنىڭ خىتايدىن ۋە باشقا ئەللەردىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى ۋە فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان جەم ئۆزدەمىر ئەپەندى 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي مېۋىسىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي مېۋىسى پەقەتلا ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپلەردە ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىممەت مېۋىلىرىدىن ئوزۇقلىنالايدىغان ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. گېرمانىيە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن مارتېن لۈكەر ئەپەندى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى خاتىرجەم مال سېتىۋالالايدىغان ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىشى لازىملىقىنى، بۇنداق تراگېدىيىلىك سودىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن. گېرمانىيە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن لوك ئەپەندىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە «باھاغىلا قارىماي، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، جامائەت ئارىسىدا بىر مەيدان كەڭ مۇنازىرە قوزغاپ، خىتاي كەبى ئىش ھەققى تۆۋەن، ئىشچىلارنىڭ شارائىتى ناچار بولغان دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللاش-قوللىماسلىق توغرىسىدا پىكىر ئېلىش زۆرۈرلۈكىنىمۇ بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيىدە 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىن كىرگەن بۆلدۈرگەندە زەھەرلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. خىتاي يېمەكلىك مۇتەخەسسىسى ۋۇ خېڭ مەزكۇر ۋەقە تۈپەيلى پىكىر بايان قىلىپ «جۇڭگودىن چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان تاۋارلار سۈپەت جەھەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ ئىلغار ماللار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر جۇڭگونىڭ چەتكە چىقىرىلىۋاتقان بۇ ئالىي سۈپەتلىك تاۋارلىرىدا بۇ قەدەر ئېغىر مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگولۇقلار ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇيۇملاردا قانچىلىك مەسىلە باردۇ؟ بۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، يېمەكلىك سۈپىتى مەسىلىسىنىڭ خىتايدا يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، 2008-يىلى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، شۇ يىلى يەنە ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان تۈگۈرەلەردىمۇ زەھەرلىك ماددا بايقالغانلىقى، شۇندىن كېيىن خىتايدا زەھەرلىك كۆك پۇرچاق، زەھەرلىك تاۋۇز، زەھەرلىك كۆكتات، زەھەرلىك گۈرۈچ، زەھەرلىك دورا دېگەندەك نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.