«خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى تىزگىنلەش ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە زەھەرنى تىزگىنلەشتە بىر قاتار خىزمەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ھادىسىلىرى كۈنسايىن ئېغىرلاپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.03.04
heroin-chikimlik.jpg
Photo: RFA

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئېغىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەر، ئۇنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، زەھەر خام ئەشياسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە ئۇنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ سۇنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى تىزگىنلەش ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى» نىڭ 2011-يىللىق سانىنى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى. ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، ئۇلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان زەھەر مەسىلىسى كۆرسىتىپ بېرىلگەننىڭ سىرتىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدىمۇ مەسلىھەتلەر بېرىلگەن.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا دېيىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئورنى، نوپۇسى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىنىڭ مۇھىم پورت دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، زەھەر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى شۇنداقلا ئۇ ھەم قانۇنلۇق مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىلىدىغان ھەم زەھەر ياساشتا ئىشلىتىدىغان «قوش ئالاھىدىلىك» كە ئىگە سۇيۇقلۇقنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلىتى بولۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي يەنە كوكائىن، خېروئىن ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك بولغان خام ئەشيانىڭ ئاساسلىق مەنبە دۆلىتى بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ياساشتا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ئەشيالاردىن پايدىلانماقتا.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ھەم غەربىي جەنۇبىي ئاسىياغا زەھەر يۆتكەشتىكى ئاساسلىق پورت دۆلىتى ئىكەنلىكى، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا زەھەرلىك چېكىملىكلىرىنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق خىتاي بازىرىغا كىرىپ، ئاندىن ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە تارقىتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدىن، باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان زەھەرنىڭ مىقدارى زور بولغانلىقتىن خىتاي دائىرىلىرى بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېتەرسىز قالماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشتا ئوچۇق -ئاشكارا بولماسلىقىمۇ زەھەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. مانا بۇ يۇقىرىدىكى ئىككى ئامىل خىتايدا زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەردى.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى تەمىنلىگەن سانلىق رەقەملەرگە قارىغاندا، خىتايدا ھازىر ياشلار ئارىسىدا مېڭىنى غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ۋە كۇمىلاچلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە قالايمىقان ئىشلىتىش خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاساسىي تەھدىت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا، «خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ھەممە خەلق زەھەر بىلەن كۈرەش قىلىش نامىدا ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا زەھەرگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش، تەلىم -تەربىيە بېرىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، داۋالاش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئاكتىپ قەدەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدا 2010-يىلى يانۋاردىن مايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئالاقىدار 32 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغان، 38مىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، 2 توننىدىن ئارتۇق خېروئىن، 243 توننىدىن ئارتۇق خام ئەشيانى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ رەقەم ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا 9 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېگرا رايونلاردىكى كىرىش-چىقىش ئىشىكلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشى ھەمدە گۇاڭدۇڭ، ئۇيغۇر رايونى، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئايرودروملاردىكى نازارەتنى ئاشۇرۇشىنىڭ پايدىسى بولغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتايدىكى بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن كۈرەشتە يەنىلا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىلنى خىتايدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىك دەپ كۆرسەتكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دائىرىلىرى زەھەرگە قارشى كۈرەشتە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىك زەھەر بىلەن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم توسالغۇ بوپ تۇرماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ زەھەر ياساش، يۆتكەش، سېتىش قاتارلىق جەريانلارغا داخىل بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىسپات تېپىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىدا بۇ خىل چىرىكلىك ھادىسىسى كەڭ مەۋجۇت ۋە بۇ خىتايدا زەھەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلدۇر.»

دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، خىتاينىڭ زەھەرگە قارشى كۈرەشتىكى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلداردىكى چىرىكلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكى ۋە خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Mar 07, 2011 02:24 AM

ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﻫﯟﺍﻝ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯧﺨﻰ.