ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ

ئۇيغۇر ئېلى 1990-يىللاردىن بۇيان زەھەرلىك ۋە ئەيدىزدىن ئىبارەت ئىنسانلار ھاياتىغا ئەڭ ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانداشلار ئەڭ تېز يامرىغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.06.04
yarp-zeher-cheklesh-305 يارپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ تور بەت كۆرۈنۈشى
www.yarp.net.cn

خىتاي دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك 2012-يىللىق زەھەر چەكلەش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى بىر يىل ئىچىدە، خىتاي بويىچە پاش قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك دېلولىرىنىڭ سانى 10مىڭ 170 قېتىمغا، يېڭىدىن بايقالغان زەھەر خۇمارلار سانى 235مىڭغا يەتكەن. 7 توننىدىن ئارتۇق خىروئىن، 14 توننىدىن ئارتۇق چاكاندا تىپىدىكى زەھەر مۇسادىرە قىلىنغان. زەھەرلىك چېكىملىك دېلولار، زەھەر كىرىش مىقدارى ۋە زەھەر چەككۈچىلەر سانىدا ئوخشاشلا ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ نىسبىتىدە ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ئۆرلەش كۆرۈلگەن.

نۆۋەتتە گۇيجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا، قەھۋە، سۈتچايغا ئوخشاش ئىچىملىك تىپىدىكى يېڭى بىر بىرىكمە زەھەر بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خۇمار قىلىش كۈچى ئۆتكۈر ۋە تەسىر قىلىش كۈچى ئۇزاق بولۇپ، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى زەھەر، ھەر تۈرلۈك زەھەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان زەھەر خۇمارلارنىڭ ھەممىسىگە باب كەلگەچكە زەھەر خۇمارلار ئارىسىدا تېز بازا تاپقان. نۆۋەتتە ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى زەھەرلەرنىڭ توشۇلۇشى ئازايغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما يېرىم پىششىقلانغان زەھەرلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە مىقدارى كۆپەيگەن.

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى زەھەر چەكلەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ زەھەر كىرىش مەنبەلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىمۇ كىرىش يوللىرىنى، زەھەر تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن، بۇ ئەھۋاللار خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي،مۇرەككەپ رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى زەھەرگە ئائىت دېلو 1985-يىلى، تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى 1995-يىلى پاش بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر زەھەر بايقالمىغان بىرمۇ ناھىيە ۋە شەھەر يوق، ئەيدىز بولسا پۈتكۈل رايون تەۋەسىدىكى 14 ۋىلايەت-ئوبلاست 94 ناھىيە-شەھەرگىچە تارالدى. بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي ساننىڭ بۇنى ئاز دېگەندە تۆت قاتلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك قازا قىلغۇچىلار سانى 5 مىڭ نەپەرگە يېقىنلاشقان.

ئەڭ يېڭى ئىستاتېستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە پەقەت ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزلەر سانى 10 مىڭ 536 گە يەتكەن، 997 كىشى بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتا ئۇچراۋاتقان ئەڭ قىيىن مەسىلىسى نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ئارقىلىق تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا يۇقتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دائىرىلىرى ئەر جىنسلىقلار ئارا مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ ئەيدىزدىن ساقلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات خىزمەت يىغىنى ئاچقان. بولۇپمۇ، ئۈرۈمچىدە بۇلارنىڭ ئۆزئارا ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرۇش نىسبىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم بولغان.

يېقىنقى زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىگە ئائىت ماينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زەھەر چەكلەش تارماقلىرىنىڭ 2011-يىلى پاش قىلغان زەھەرگە ئائىت دېلولىرىنىڭ سانى 1000 قېتىمغا يەتكەن. قولغا چۈشكەن باشقا خۇمار قىلىش دورىلىرى ۋە زەھەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت خىروئىنلا 6 كىلو 608 گرام ئىكەن.بىر يىل ئىچىدە 2879 نەپەر زەھەر خۇمار مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان.

گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي زەھەر چەكلەش دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرنىڭ تارقىلىشى ۋە باشقىلاردا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا نىسبەت جەھەتتە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا بىردىن بىر، ئەيدىز چەكلەش بويىچە پۇقرالار قۇرغان ئورگان بولغان «يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزگە قارشى مەسلىھەت بېرىش مەركىزى» نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر چەككۈچىلەر سانىدىكى ئېشىش ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئاستىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما، ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر مەركىزىگە چېگرا بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك شۇنداقلا ئەيدىز ۋەزىيىتىنى يەنىلا سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.