خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 14-نويابىر خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئۆگىنىپ قالغۇچىلار ئىچىدە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتى تېز ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، ھازىر پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر چەككۈچى ياش ئۆسمۈر سانى بىر مىليون 7 يۈز 80 مىڭغا يېتىپ زەھەر چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 87% تىنى ئىگىلىگەن.
زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقان زەھەر تۈرلىرىمۇ كۆپ خىللاشقان بولۇپ خروئىندىن باشقا مۇزسىمان زەھەر، باش گىلدىڭلىتىش تابلېتكىسى، ك تالقىنى قاتارلىقلارغا خۇمار بولغۇچىلارمۇ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.
تور ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى زەھەر سودىسىنىمۇ قولايلاشتۇرغان ھەم ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا مەيدان ھازىرلىماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى ۋە نىسبىتى جەھەتتە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان رايوننىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېلى زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى ھەققىدە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تىزىملاتقان زەھەر خۇمارلار 40 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، زەھەرخۇمارلار سانى 1000دىن ئاشقان شەھەر ۋە ناھىيە 7 گە يەتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1991-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىستېمىسى بويىچە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ زەھەر تاشلاتقۇزغانلار 100 مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ ئەھۋالدا زەھەر خۇمارلارنىڭ ھەقىقىي سانى يەنىلا نامەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك زەھەر چەكلەش دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، 1990-يىللاردىن 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر يامراش ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ۋە كەسكىن بولغان بولسا 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن زەھەر چەكلەش ۋە تازىلاش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىدە زەھەرنىڭ يامرىشى نىسبەتەن كونترول قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
يەنى 2004-يىلىدىن بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى چېگراسى ئىچىدە پاش قىلىنغان زەھەرلىك بويۇم دېلوسى 10 مىڭ 330 قېتىمغا، تۇتۇلغان جىنايەتچى 11مىڭ 388 ئادەمگە، قولغا چۈشكەن خروئىن ۋە باشقا زەھەرلىك بۇيۇملار 12 توننىغا يەتكەن.
ھالبۇكى «يارپ زەھەر چەكلەش تورى»نىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر تۈرلۈك شەكىللەردە سېتىلغاندىن باشقا زەھەر سودىسىمۇ تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە كىرگەن بولۇپ بۇنىڭ بىلەن چەكلەش يەنىمۇ رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار داۋاملىق 90%tin يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى ھەققىدە، 15 يىلدىن بۇيان زەھەر چەكلەشتە ئاكتىپ ۋە نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان زەھەر چەكلەش پىدائىيسى شۇنداقلا «خىروئىن» ناملىق ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى زەھەر چەكلەش كىتابىنىڭ ئاپتورى ئەخمەت قۇربان، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىش نىسبىتىنىڭ 10 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلى ئوبلاستىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن قالسا زەھەر ۋە ئەيدىز ئەڭ تېز يامرىغان جاي سانىلىپ كەلمەكتە. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان زەھەر چەكلەش سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان،ئىلى ئوبلاستلىق زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پېشقەدەم ساقچىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەكلەشتە يېڭەلمەي كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ زەھەر خۇمارلارنىڭ قايتا چېكىۋېلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بۆلىشى شۇنداقلا، كۈچنى زەھەرنىڭ كىرىش يولىنى توسۇشتىن بەكرەك زەھەر تاشلاتقۇزۇشقا يارىتىلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
«ئاق ئالۋاستى» پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يامرىغان 20 يىلغا يېقىن جەرياندا، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن تالاپەتلىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. خروئىن ئاتلىق بۇ ئىبلىس تالاي ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بەختلىك ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئەيدىزگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق ۋابالارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى، زەھەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بالاسى ئاپەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، زەھەر چەكلەشكە ئۆزلۈكىدىن پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەر كۆپەيمەكتە. ئەل ئىچى زەھەر تاشلاش، زەھەر چەكلەش جەمئىيەت ۋە تورلىرى، مىللەتنى زەھەرنىڭ زىيانلىرىدىن توسۇش ۋە قۇتقۇزۇش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتا، زەھەر چەكلەش پىدائىيسى ئەخمەت قۇربان، مىللەتنى جەمئىيەتنى بولۇپمۇ، ناتىۋان ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرنىڭ بالاسى ئاپەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئائىلە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بىرلەشكەنلا زەھەر چەكلەشتە نەتىجە ھاسىل قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.