شۇڭا مۇنداق چىقىشى يوق يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىشىدا ھوشيار بولۇش، ئۆزىنى ھالاكەتكە ئاتماسلىق ئۈچۈن يامان دوستلاردىن، ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش تولىمۇ مۇھىمدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ئانا ۋەتىنىمىزدىكى مۇسۇلمان ياش ئوغۇل - قىزلىرىمىز ئارىسىغا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك رەزىل ئادەت كەڭ تارقىلىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن چوڭ ئىجتىمائىي بالايىئاپەتلەرنى، تۆلەپ بولغۇسىز ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ بىز مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سېزىلگەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى باغلانغان ياش - ئۆسمۈرلەر بولۇپ چىققان. بۇ ئەھۋاللار ئۈمىدۋار ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ، كېلەچەك ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان، ھارماي - تالماي تەر تۆكۈۋاتقان، ئېتىقادى ۋە ئىبادەت ئىشلىرىدىن باشقا ھەر بىر سۆزى ئاشۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن سۆزلىنىدىغان، قوللىرىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئاشۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەر بىر قەدىمى ئاشۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ سائادىتى ئۈچۈن بېسىلىۋاتقان، پەرزەنتىم دەپ باغرى كاۋاپ بولىۋاتقان شۇ قەدىرلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدلىرىنى يەردە قويدى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرى ئۈچۈن تەلپۈنۈپ چاقناپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلەرگە غەم - قايغۇ ياشلىرىنى باشلاپ كەلدى. بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى بىزنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامىي ئەنئەنىلىرىمىزدىن يىراقلىشىپ قالغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بولدى. چۈنكى بىزنىڭ يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام :" ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە خەمرى يەنى ئەقىلسىزلاندۇرغۇچى ئامىل بولۇپ، ئەقىلسىزلاندۇرغۇچى نەرسىلەرنىڭ ھەرقاندىغى قەتئىي ھارامدۇر" دەپ كۆرسەتكەن."
زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەتىرى
ئابدۇللا ھاجىم زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەتىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" زەھەرلىك چېكىملىك دېگەن ئادەمنى مەست قىلىدىغان، خۇمار تۇتقۇزىدىغان ئەپيۇن، خېروئىن، مورفىن، نەشە، كوكائىن قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ، بۇ نەرسىلەردە كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار بار. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولۇپ، بۇ نەرسىلەر پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا يوشۇرۇن ھالدا قارانىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇ لار بۇ رەزىل قىلىقى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس شەخسىي مەنپەئەتلىرى،ۋاقىتلىق ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ۋە چەكلىك ئىقتىسادىي كىرىملىرى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى زەھەرلەيدۇ، ئۇلارغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، خۇسۇسەن مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنى زەھەرلەش ئارقىلىق ئۇلارنى نابۇت قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ھەر قانداق بىر تەربىيىچىنىڭ بالىلارنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە يېقىنلىشىشتىن قاتتىق توسۇشى ۋە ئۇلارنى ھەمىشە بۇ زەھەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ناچار كىشىلەرگە ۋە يامان دوستلارغا ئارىلىشىشتىن ئۇلارنى توسۇشى زۆرۈردۇر."
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم زەھەرلىك ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى "بىر قېتىملا قىلىپ باقاي" ، "بىر سىناپ باقاي" دېگەنگە ئوخشاش شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىڭ قېلىپ، بۇ زەھەرلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئىسلام پەيغەمبىرى ئىنسانلارنى بۇنداق زەھەرلەردىن قوغداش ئۈچۈن:" كۆپ مىقداردىكىسى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئاز مىقدارىمۇ ھارام" دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ھارام نەرسىلەرگە قەتئىي يېقىنلاشماسلىققا بۇيرىغان. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىدىن ئادەمنى مەست قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىر قېتىم قىلىپ بېقىشمۇ، ئازراق قىلىپ بېقىشمۇ، بىر سىناپ بېقىشمۇ ھارام ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.