خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەھۋال ئۆتكەن ئايدا بايقالغان زەھەرلىك چوشقا گۆشى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدا يەنە بىر قېتىم زور ئەندىشە پەيدا قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۆش بازارلىرىدىمۇ خىتاينىڭ شەندۇڭ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بۇ خىل ئەرزان باھالىق قوي گۆشلىرى بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ خىل گۆشلەرگە ئىشەنچ قىلالمىغىنى ئۈچۈن، يەنىلا يەرلىك قوي گۆشلىرىنى سېتىۋالىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتايدا چىقىدىغان «يېڭى بېيجىڭ» گېزىتىگە بېسىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنۋو بازىرىدا قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەر 1000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، 1997-يىلى قۇرۇلغان 250 مو دائىرىنى ئىگىلەيدىغان «لۇبېي چارۋا مەھسۇلاتلىرى بازىرى» دا سويۇلۇپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ، خېنەن، جياڭسۇ، داليەن، تيەنجىن قاتارلىق 17 ئۆلكە شەھەرلىرىگە توپ تارقىتىلىدىغان قوي-كالا گۆشلىرى تەخمىنەن كۈنىگە 100 مىڭ تۇياقتىن ئاشىدىغان بولۇپ، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بۇ بازارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىكەن.
خىتاي قانۇنى بويىچە بازارغا سېلىنىدىغان قوي گۆشى ۋە تىرىك قويلار ئاۋۋال تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنۋو بازىرىدىكى قويلارغا ئۆستۈرۈش گورمونى بېرىلىپ بېقىلىدىغانلىقى بازاردىكىلەر ھەممىسى بىلىدىغان ئاشكارا «مەخپىيەتلىك» ئىكەن.
بازاردىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بۇ خىل مۇسكۇل ئۆستۈرۈش گورمونى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «Clenbuterol» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بازاردىكىلەر بۇ خىل ئۆستۈرۈش گورمونىنى «قارا گۆش جەۋھىرى» ياكى «سەككىز گۆھەر» دەپ ئاتىشىدىكەن.
«يېڭى بېيجىڭ» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، يەنۋودىكى «لۇبېي چارۋا مەھسۇلاتلىرى بازىرى» يېنىدىكى جەنۇب-شىمال كوچىسىدىلا بۇ خىل ئۆستۈرۈش گورمونى ساتىدىغان دۇكانلاردىن ئون نەچچىسى بار بولۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بۇ خىل ئۆستۈرۈش گورمونىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خالىغانچە سېتىۋالالايدىكەن.
ناھىيە بازىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئۆستۈرۈش گورمونى بېرىپ بېقىلغان قويلار ئىككى ئايدىلا 30-40 جىڭ لوق گۆش چىقىدىغان چوڭ قويغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى قوي بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەمنى تېجەپ قېلىپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور پايدىغا ئېرىشىدىكەن.
خىتايدا ئۆتكەن ئايدا ئاشكارىلانغان گورمون بېرىپ بېقىلغان چوشقا گۆشى ۋەقەسىدىن كېيىن، لوق گۆش ئۆستۈرۈش گورمونى بېرىلىپ بازارغا سېلىنغان قوي گۆشى ۋەقەسى بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە يەنە بىر مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
خىتاينىڭ «شىنلاڭ» تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر ئىنكاستا، نۆۋەتتە خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان گۆش-كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئەڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پەرۋاسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىپ، مۇنداق بايان قىلىنغان:«مەتبۇئاتلاردا ‹تەرەققىي قىلدۇق، باي بولدۇق› دەپ ماختىنىدىغان خىتاي دۆلىتىدە، بوۋاقلىرىمىز زەھەرلىك سۈت بىلەن زەھەرلىنىۋاتىدۇ، پۇقرالىرىمىز ھەر كۈنلۈك تامىقىدا گورمون بېرىپ بېقىلغان گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ، كۆكتات بازارلىرىدا بولسا خىمىيىلىك دورىلار چېچىلغان ئايلاپ بۇزۇلمايدىغان ياپ-يېشىل كۆكتاتلار بازارلارنى ئىگىلىدى. ھۆكۈمىتىمىز بولسا پەقەت باي بولۇشنىلا تەكىتلەپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە پەرۋاسىز قاراۋاتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ئەزەلدىن يېمەكلىك بازارلىرىدىن گۆش سېتىۋالمايدۇ، ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئامېرىكا ھەم كانادادا ئىشلەنگەن ئىمپورت قىلىنغان گۆش ھەم سۈت يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ، ياكى ئۇلار ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىدىغان ‹يېشىل يېمەكلىك مەركىزى› دە ئىشلەنگەن كۆكتات ھەم گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمىتىمىز!»
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بازاردىكى يەرلىكتە بېقىلغان، قوي-كالا گۆشلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، بىر كىلو قوي گۆشىنىڭ باھاسى 50 يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بازاردا سېتىلىۋاتقان كىلوسى 35 يۈەن ئەتراپىدىكى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن توڭلىتىلغان قوي گۆشىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدىكەن.
ئىلى رايونىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، قۇربان ھېيت يېقىنلاشقانسېرى بازاردا قوي-كالا گۆشىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىپ بازارغا سېلىنغان ئەرزان باھالىق قوي گۆشلىرىنى ئىشەنچسىز دەپ قارىغىنى ئۈچۈن، قىممەت بولسىمۇ يەرلىكتە بېقىلغان قوي ھەم كالىلارنى سېتىۋېلىپ، قۇربانلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا بارغانچە ئۆرلەپ كېتىۋاتقان قوي-كالا گۆشى باھاسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور مىقداردىكى كالا-قوي گۆشلىرىنى ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرگە يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ گۆشلەر ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن توڭلىتىلغان قوي گۆشلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، بازارغا سېلىنغان قوي-كالا گۆشلىرى تەركىبىدە ئۆستۈرۈش گورمونى بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلاردا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.