زەخىملەنگەن رەھىمجان : «ئاپاش ئەخ ئەتتى....»

ئۇيغۇر QQ تورىدا تارقالغان، ئۈچ ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ رەھىمسىز زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان رەھىمجاننىڭ ھېكايىسى تورداشلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى.

0:00 / 0:00

بالىلار، بىزنىڭ، كەلگۈسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەتىسى، ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەمىشە، سۆيۈلۈشكە، مېھرىبانلىق بىلەن ئاسراشقا موھتاجدۇر، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشقا قۇربىنىڭ يەتمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە تېنى، غۇبارسىز روھى شەپقەتسىز كىشىلەر تەرىپىدىن ئاجىزلىق دەپ قارىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ، جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭمۇ يۈكسەك ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقى، ئۇلار زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىلا كىشىلەرنىڭ يادىغا كېلىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۇلارنى قوغداشقا تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز. ئۈرۈمچىدە تېخى ئۈچ ياشقا كىرمىگەن رەھىمجاننىڭ ئوماق يۈزلىرى، ئوماق پومپىلاق قوللىرى، پۈتۈن جىسمى ھەتتا غۇبارسىز روھى، ئۇ «ئاپاش» دەپ چاقىرىدىغان باققۇچى ئايالنىڭ رەھىمسىز زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى، سىز بۇ پروگراممىنى ئاڭلاۋاتقىنىڭىزدا رەھىمجان ھايات، ئەمما ئۇ ئىلگىرىكىدەك ۋىلىقلاپ كۈلمەس بولدى.

ئۇيغۇر QQ تورىدا تارقالغان مۇنداق بىر ۋەقە، تورداشلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. 4-يانۋار ئۈچ ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان رەھىمجان، ئۈرۈمچى شىمىگو رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر بالا باققۇچى ئايالنىڭ ئۆيىدە ئېغىر تاياق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ كىچىككىنە جۇغى ھەم روھىدا ئېغىر جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان بۇ ۋەقە ئۇنىڭ دادىسى تەرىپىدىن 12 دېكابىر ئۇيغۇرچە تورلىرىغا سۈرەتلىك ئۇچۇر تەرىقىسىدە قويۇلغاندىن كېيىن، تېز ئارىدا نۇرغۇن تور بەتلەرگە تارىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئۈچ ياشقا كىرمىگەن بالىغا قىلىنغان بۇ قەدەر رەھىمسىزلىك زوراۋانلىق، كىشىلەرنى ئېچىندۇردى. بۇ ۋەقە گاھىلارنى ھەيران قالدۇردى، گاھىلارنى غەزەپكە سالدى، شۇنداقلا يەنە بەزىلەرگە جەمئىيەتتە ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇۋاتقان بالا بېقىش، بالىلارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراش، بالىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قانداق قوغداش مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش پۇرسىتى ياراتتى.

ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالدىراش جان بېقىش غېمىدە ياكى توردا جاھان كېزىش غېمىدىكى كىشىلەرنى، بالىلار ھەققىدە ئويلىنىشقا سالغان، زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچى رەھىمجاننىڭ يۈرەكلەرنى لەختە قىلغان كەچمىشىنى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىدىن ئاڭلايلى (يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ).

بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك، كېسەل ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىدا تەڭ پۇچىلىنىۋاتقان بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنى تەقدىرنىڭ رەھىمسىز قىسمىتىگە ئۇچرىغان ئاجىز دەپ ساناشقا بولسىمۇ ئەمما بالىلار گۇناھسىز ئىدى ئۇلارنى قوغداش ئەڭ ئاۋۋال ئاتا ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاندىن جەمئىيەتنىڭ، قانۇننىڭ مەسئۇلىيىتى.

كېسەل كارىۋىتىدا كۆكرەك راكى كېسەللىكىنىڭ ئازابىدا ياتقان ئانا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بالىسىنىمۇ قوغدىيالمىغانلىقىدىن پۇچىلىنىپ ياش تۆكسە، ئاتا بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىدىن، بىخەستەلىكىدىن ئۆكۈنمەكتە، ئەمما مۇشۇ مىنۇتلاردا كىچىككىنە جىسمى ھەم روھى زەخىملەنگەن گۇناھسىز نارەسىدە رەھىمجان ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ ئويلىيالايدۇ، قىياس قىلالايدۇ، قورقىدۇ، تېڭىرقايدۇ، ۋەھىمە باسىدۇ ئەمما دەپ بېرىلمەيدۇ.

بىز رەھىمجاننىڭ ھەقسىزلىككە،زوراۋانلىققا ئۇچراش ۋەقەسىگە دائىر كىشىلەر ۋە ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشىۋاتىمىز، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.