80 ياشلىق زەيناۋۇدۇن ئاكا بىلەن سۆھبەت (1)

زەيناۋۇدۇن ھاجىم قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرىنىڭ بىرى تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغانلىقىدۇر.

0:00 / 0:00

زەيناۋۇدۇن ئاكا تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەسىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شىددەتلىك تەنقىد قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە مەزكۇر كىتابنىڭ كرىلچىسىنى نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، زەيناۋۇدۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ 80 گە كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.