خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى جاڭ چۈنشەننى «خەلقسۆيەر»، «رەھىمدىل»، «ئىستىقباللىق» رەھبەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «مەسئۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ ماختاشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنى ئامېرىكىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «مەسئۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى «خەلقسۆيەر»، «رەھىمدىل»، «ئىستىقباللىق» رەھبەر دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئامېرىكىدا يىغىن ئېچىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاينىڭ، دۇنياغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن يالغان ھۆكۈمەتنى «مەسئۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى.

خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى، يىللاردىن بۇيان خىتاي يۇرتلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى، جاڭ چۈنشەننىڭ پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغانلىقىنى «مەسئۇلىيەتچانلىق» دەپ ماختىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەمما جاڭ چۈنشەن ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى ھېچبىر ئۆزگەرتكىنى يوق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، جاڭ چۈنشەننىڭ ئۆزىنى «ئەركەك» دەپ ماختىغانلىقى ۋە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر دېگەن نامنى ھەرگىز تىلغا ئالماي كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، جاڭ چۈنشەننىڭ كۆچمەن خىتايلارنى تارىختىن بۇيان بۇ جايدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغانلىقى.