جاڭ چۈنشەن قولىغا پەلەي كېيىۋالغان يۈز كۈن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەدھىيىلىگەن بۇ يۈز كۈن - جاڭ چۈنشەن قولىغا پەلەي كېيىپ ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان يۈز كۈن.
جاڭغا مەدھىيە ئوقۇش 5 - ئىيولدىن كېيىن ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جاڭ چۈنشەن ھەققىدىكى بۈگۈنكى ماقالىسى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى جاڭ چۈنشەننىڭ ئۇيغۇرلارنى يۈز كۈن ئىچىدە يېڭى شەكىلدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قوللاۋاتقانلىقى ۋە 5 - ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
دىلشات رىشىت شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدىكى مۇھىم نوقتىلارنى بىرمۇ - بىر رەەت قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ جاڭ چۈنشەن قانداق نەتىجە قازانغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى، مەركەز چوڭ سوغات بەردى دېگەن كۆز قارىشىنى، جاڭ چۈنشەن يۈز كۈن ئىچىدە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى دېگەن ماختاشلىرىنى بىرمۇ - بىر رەت قىلدى.
خىتاي ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى 5 - ئىيول ۋەقەسىگە دۆڭگەپ قويماقچى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر، يىللاردىن بۇيان ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى 5 - ئىيول ۋەقەسىگە دۆڭگەپ قويماقچى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.