خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر دىيارىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

13-ئاۋغۇست كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئۇيغۇر دىيارىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان «جاڭ چۈنشيەن شىنجياڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن 13-ئاۋغۇست كۈنى خوڭكوڭ ئاخباراتچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلغا ئېلىپ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «شىنجياڭدا زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەرقاچان يۈز بېرىشى مۇمكىن، كىشى ئۆزىنى قوغدايمەن دەپمۇ ئوڭۇشلۇق قوغداپ بولالمايدۇ، بەلكى بۇ يەردە يۈز بەرگەن زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇسلۇبى خەلقئارالىق ئېقىم بىلەن ئوخشاش، بۇلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە، ئاخباراتقا چوقۇم ئاشكارىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

جاڭ چۈنشيەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئاخباراتنى ئاشكارىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆز ئالدىدا ھەپتىلەر ئىلگىرى يۈز بەرگەن 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ۋە 30-،31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى قىلچىمۇ ئاشكارىلىمىغان ھەمدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن بولغان ئالاقىسى ياكى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ پاكىستاندا ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق دەلىلنى كۆرسەتمىگەن.

جاڭ چۈنشيەننىڭ پىكرىچە بولغاندا، 2008-يىلدىكى «4-ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسى»، «12-ئاۋغۇست يامانيار ۋەقەسى»، «27-ئاۋغۇست قىزىلبۇيا ۋەقەسى» ۋە «29-ئاۋغۇست مىشا ۋەقەسى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرمۇ چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ھەرىكەتلەر بولۇپ قالىدۇ. ھەتتاكى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋە 22-كۈنلىرى قەشقەردە كوچىدا كېتىۋاتقان خىتايلارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىمۇ چەتئەلدە تەربىيە كۆرگەن تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

2010-يىلى 4-ئايدا ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشيەن، ھوقۇققا ئېرىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغان خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفېتسىر، ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىغان ئىدى. ئۇ 13-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە خوڭكوڭ مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە شۇنداق دېگەن: «ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل توپىلىڭى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە بۈگۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسەتمەكتە. سىرتتىكىلەر 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى كېرەك، چۈنكى مەزكۇر ۋەقە مىللىي ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىر قىسىم كىشىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلدى، كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ بۇنىڭ تەسىرى بولىدۇ، بۇ تەسىر شىنجاڭ ئۈچۈن پايدىسىز.»

ۇيغۇر ۋەتىنىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان جاڭ چۈنشيەن مۇخبىرلارغا يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا پالانچى ھوقۇق تۇتسا، مەركەزنىڭ قوللىشى بىلەن زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى تار‏مار قىلىناتتى، دەپ قارىماسلىق كېرەك. بۇ مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈن 18-ئىيۇل، 30-ئىيۇل ۋەقەسى بولغان بولسا، ئەتە 30-ئاۋغۇست ۋەقەسى بولۇشى مۇمكىن. ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكىم بۈگۈن كەچتىلا زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن.»

«جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى» ناملىق خەۋەردە، جاڭ چۈنشيەننىڭ شۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: «شىنجياڭدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى بار. جۈملىدىن خوتەن ۋە قەشقەردىكى ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىمۇ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەر پىلانلىغان. شىنجياڭدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە خەلقئارادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم، ماشىنا پارتلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.» ئۇ يەنە شۇنداق دېگەن «زوراۋان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا پولاتتەك قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىمىز، قەتئىي زەربە بېرىمىز ۋە قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايمىز.»

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى باشلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ھەربىي ھالەتنى كۈچەيتىپلا قالماي، 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ «يىلپىز پىدائىيلار ئالاھىدە ئەترىتى»نى ئاقسۇغا ئورۇنلاشتۇرغان. يىلپىز ئەترىتى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان قوشۇن بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ ئىلغار قوراللىق مۇنتىزىم كۈچ ھېسابلىنىدىكەن.

جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئاپرونوم رايونىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش جەريانى پەۋقۇلئاددە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. ئۇ خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ئېرىشكەن شەخس. ئۇ ھوقۇقنى قولغا ئېلىشتىن بىر ئاي ئىلگىرى خىتاي مەركىزى كومىتېتى «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجياڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» چاقىردى. ھوقۇققا ئېرىشىپ بىر ئايدىن كېيىن، «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان بەزى تەبىئىي بايلىقلاردىن 3% باج ئېلىش تۈزۈمى بەلگىلەندى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ۋەتىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە «ھالقىما تەرەققىيات» شوئارى ئاستىدا بۆلۈپ بېرىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، جاڭ چۈنشيەن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ۋاڭ لېچۇەن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدىكىدىن ياخشىلانمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيسە كۈچەيدىكى، ھەرگىز ئاجىزلىمىدى.