2012 - يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەنلەر» نامزات تىزىملىكى يەنە مۇنازىرە قوزغىدى
2012.12.26
بۇ يىللىق نامزاتلار تىزىملىكىدە كامبودژانىڭ سابىق پادىشاھى سىخانوك، خىتاي يازغۇچى مو يەن، تىبەتلىك ناخشىچى خەن خۇڭ قاتارلىق 20 كىشى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى، بولۇپمۇ نامزاتلارغا قويۇلغان ئۆلچەم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ياكى نارازىلىقىنى قوزغىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.
نامزاتلاردىن بىرى كامبودژانىڭ سابىق پادىشاھى سىخانوك بولۇپ، بۇ نامزات، باھالىغۇچىلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. تونۇشتۇرۇشتا، سىخانوكنىڭ ئەينى چاغدا خىتاينى ب د ت ئەزالىقىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكى، ب د ت يىغىنىدا تونۇشتۇرغانلىقى ھەتتا باشقىلار بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ يەنە جۇڭگودا ئاپەت يۈز بەرگەن مەزگىللەردە خىتاي خەلقىغە ياردەم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
باھالىغۇچىلار بولسا، بۇ ئىشلارنىڭ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئىش ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. باھالاش تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، باھالىغۇچىلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: « سىخانوكنىڭ ئۆلۈمى جۇڭگودىمۇ، خەلقئارادىمۇ ھېچقانداق بىر تەسىر پەيدا قىلالمىدى. ئۇنىڭ تارىخ بەتلىرىدىكى نامى دىكتاتور پادىشاھ، بۇنداق بىر كىشى قانداقمۇ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن كىشى بولسۇن؟» يەنە بىر باھالىغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىخانۇك جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس ئەمەس، ئۇ پەقەت، ئۆز دۆلىتىدە تاشقى سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي كوممپارتىيىسىنىڭ كۆڭلىگە ياققان ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر شەخس.
نامزاتلاردىن بىرى، يېقىندا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مو يەن بولۇپ، بۇ نامزاتمۇ كۆپ ساندىكى باھالىغۇچىلارنىڭ دىتىغا ياقمىغان. ئىنكاسلاردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«مو يەن دۆلەتنىڭ پەپىلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، دۆلەتنىڭ قانىتى ئاستىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ھۆكۈمەتنىڭ چىشىغا تەگمىگەن، ھۆكۈمەتنىڭ كەمچىلىكىنى تىلغا ئالمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمغان، ھاياتىدا ھېچقانداق بىر خەۋپ - خەتەرگە كۆكرەك كېرىپ باقمىغان بىر شەخس. بۇ خىل خاراكتېر، بۇ خىل ھايات پەقەت ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىلا تەسىرلەندۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما خەلقنى تەسىرلەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس.»
نامزاتلارغا يېزىلغان باھالاردا يەنە، مو يەننىڭ شۋېتسىيىدە نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋېلىش داۋامىدا تاققا - تۇققا گەپ قىلغانلىقى، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرگە قارىتا مۇستەقىل، ئۆزىگە خاس بىر پىكىر ۋە مەيدان ئىپادىلىيەلمىگەنكى، بولۇپمۇ سۆز - ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە راست گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى بايان قىلىنىپ، مو يەننىڭمۇ جۇڭگولۇقلارنى ئەمەس، پەقەت جۇڭگو كومپارتىيىسىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باھالىغۇچىلاردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇكاپاتتىن تەسىرلىنىدىغان ئىشى بولسا، ئۇ چاغدا جۇڭگونى دېموكىراتىيىگە چاقىرىپ، قانۇن دۆلىتى بولۇشقا دەۋەت قىلىپ قەلەم تەۋرەتكەن، بۇ قىلغىنى ئۈچۈن بۈگۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش كىشىلەردىن تەسىرلىنىشى مۇمكىن.
نامزاتلاردىن بىرى تىبەت ناخشىچى خەن خۇڭ بولۇپ، ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىلىمۇ، كىشىلەردە نارازىلىق پەيدا قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خەن خۇڭنىڭ دادىسى خىتاي، ئانىسى تىبەت بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە، خىتاي ھاۋا ئارمىيە سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى. ئۇ يەنە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى. گەرچە تونۇشتۇرۇلۇشتا، ئۇنىڭ تىبەتلىكلەرگە قىلغان خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، باھالىغۇچىلار، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن كۆپرەك، نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىگە دىققەت قىلغان. يەنە بەزى باھالىغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتلىكلەردە ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرى باشلانغاندىن كېيىن، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەن خۇڭنى كۆپ قېتىم مەزكۇر ۋەقەگە پىكىر بايان قىلىشقا دەۋەت قىلغان، خەن خۇڭ بولسا بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمىغان. باھالغۇچىلار بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر تېلېۋىزىيىنىڭ خەن خۇڭنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى تىبەتلىكلەرگە قارشى سۆز قىلىشقا ئېرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باھالىغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەزكۇر باھالاشنىڭ، ساپ ئاممىۋى بىر پائالىيەت ئەمەسلىكىنى، مەقسىتىدىن جەريانى ۋە شەكلىدىن مەزمۇنىغا قەدەر پۈتۈنلەي سىياسىي پۇراق چىقىپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلىشقان. بەزى باھالىغۇچىلار، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ توغرا بېكىتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، تېلىۋىزىيىنى مەزكۇر پروگراممىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.
نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋىزىيە توربېتىدىن باشقا شىنلاڭ قاتارلىق مەشھۇر توربەتلەردىمۇ بەس - بەستە يېزىلماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار،
ئۆتكەن يىلقى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس ئارىسىدا بىر نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىۋېتىشى، ئۇنىڭ مۇكاپاتلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئالىم خالىق ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.