تۈنۈگۈن خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەرق گېزىتى» دە، «بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ماۋزۇدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي سودىگەرلىرى ياغاچ زەمبۇرۇغىنى فورمالىنغا چىلاپ خەلققە ساتتى، سانائەت تۇزىنى ئاش تۇزى دەپ خەلققە ساتتى، يىلان بېلىققا تۇغۇت چەكلەش دورىسى يېگۈزۈپ خەلققە ساتتى. زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، ئۇرۇق گۆش، يۇندا ئېرىقىدىكى ياغ، رەڭلىك موما... دېگەنلەرنى ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات دەپ ماختاپ ساتتى.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يەر-زېمىن بايلىرى سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدا ئۆي سېلىپ، باھاسىنى ئۆرلىتىپ خەلققە ساتتى. كان خوجايىنلىرىغا ئىشچىلارنىڭ ھاياتى كېرەك ئەمەس، مەھسۇلاتلا كېرەك بولدى. بۇرۇن كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دوختۇرخانىلار ھازىر، نامراتلارنىڭ پۇلى بىلەن جېنىنى تەڭ ئالىدىغان قۇشخانىلارغا ئايلاندى.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن مۇئەللىم ھازىر، خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى يامان يولغا باشلايدىغان جۇڭخۇا ئېزىتقۇسىغا ئايلاندى. بالىلار باغچىسىدا، ئاتا-ئانىسى مۇئەللىمگە سوغا تەقدىم قىلمىغان بالىغا قىزىل گۈل تاقىمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئاتا-ئانىسى مۇئەللىمگە سوغا تەقدىم قىلمىغان بالىنى ئوچۇق تەنقىد قىلىپ، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇپ قويىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئاتا-ئانىسى مۇئەللىمگە سوغا تەقدىم قىلمىغان بالىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى قېيىن بولىدۇ.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ھازىر يول سورىساڭ سۆيۈنچە بېرەمسەن دەيدۇ. ئۇلار ھازىر شەھۋانىيلارنى ھەرگىز مەسخىرە قىلمايدۇ، بەلكى نامراتلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. جۇڭخۇا جەمئىيىتىدە ھازىر كىم ئاجىز بولسا شۇنىڭغا نەيزە سانجىيدىغان، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوغرىلاپ كېلىپ، يانچۇقچىلىق قىلىشقا سالىدىغان، خالىسا سېتىۋېتىدىغان، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى سېتىپ خەجلەيدىغان بەدەۋىلەر كۆپىيىپ قالدى.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھازىرقى تاماكا شىركەتلىرى، ئادەملەر روھى ھالىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تاماكىنى، ئادەملەردە ساقايماس كېسەل پەيدا قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. ساغلاملىقنى ئاسراش تارماقلىرى بولسا،چەتئەللەردىن گورمون سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا زەھەر قېتىپ، ساختا ئېلان بىلەن ماختاپ، باھاسىنى ئۆرلىتىپ سېتىپ، ئادەملەردىكى ۋاقىتسىز ئۆلۈمنى كۆپەيتىۋەتتى.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا دېگەن زېمىندىكى جۇڭخۇا دېگەن مىللەت كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنلار ھازىر، ئادەملەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنى پۇل ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى ساتقۇزىۋېتىدىغان، ئەدەپ- ئەخلاق دېگەن سۆز مەسخىرە قىلىنىدىغان سورۇنغا ئايلاندى.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى دورا ۋە دورا زاۋۇتىدەك ساختا ساھە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە تېپىلمايدۇ. چەتئەللەردە دورىگەرلىك بويىچە دوكتور ئۇنۋانى ئالالمىغان كىشىگە دورا ئىشلەش كىنىشكىسى بەرمەيدۇ. ئەمما خىتايدا دورىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ جىن فامىلىلىك بىر باشلىقىلا، بىر يىلدا بىر نەچچە ئونمىڭ خىل يېڭى دورىنى ئىشلەشكە ئىمزا قويۇپ پۇل تاپتى. كىنىشكىسىز دورا زاۋۇتلىرى، ئادەتتە، داڭ چىقارغان دوختۇرلارغا سۆيۈنچە بېرىپ قويۇپلا دورا ئىشلەۋېرىدۇ.
«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ ئىپلاسلاشقان ۋاقىت» دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر جۇڭخۇا زېمىندىكى جۇڭخۇا دېگەن مىللەتتىن، مەركەزدىن تارتىپ جەمئىيەتكىچە ئاختۇرۇپ چىقسا، سەمىمىي، ئالىيجاناب ئادەمنى تېپىش قېيىن. جۇڭخۇا ئەمەلدارلىرى ھوقۇقىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش، ئۇلار سەھنىدە ئەدەپ-ئەخلاق، قانۇن دەپ سۆزلەيدۇ، ئەمما سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەشغۇلاتى ئەيشى-ئىشرەت، ھېلى-مىكرى ۋە باشقا بەت قىلىق. راستىنى ئېيتقاندا، فورمالىنغا چىلانغان ياغاچ زەمبۇرۇغى، سانائەت تۇزى قېتىۋېتىلگەن ئاش تۇزى، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، ئۇرۇق گۆش، يۇندا ئېرىقىدىكى ياغ، رەڭلىك موما... دېگەنلەرنى ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات دەپ ساتقان ئەڭ ئىپلاس، رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق جۇڭخۇا ئەمەلدارلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە پەيدا بولغان. جۇڭخۇا مىللىتىگە باشقا مىللەتلەرنى تالان-تاراج قىلدۇرىدىغان رەزىل سىياسەتلەرنىمۇ شۇلار تۈزگەن. ھازىر ئىنسانىيەتتە ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئىپلاس دەپ قارىلىدىغان بۇنداق ئىشلارنى يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنە ئادەمچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قېتىم ۋېن جياباۋ يەنە كىملەرنىدۇ ئەيىبلەپ، جەمئىيەتتە ئەخلاق تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ۋايساپ قويدى، ئەمما ئۇ يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى ھەرگىز ئوتتۇرىغا قويمىدى.