خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كەڭ ئورۇن ئالماقتا

خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەھۋالى يەنە قايتىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

ھازىر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا بۇ نۆۋەت پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ماقالىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شۇنداقلا مەتبۇئاتلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ھازىر ئامېرىكىدا ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە چىقىدىغان مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ-ئېلىنمايدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئوباما بۇ جەھەتتە خەلقئارانىڭ ئېغىر سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

چەتئەللەردە نەشردىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن "ۋاشىنگتون ۋاقتى " گېزىتى،" مۇھاپىزەتچى " گېزىتى ۋە شۇنداقلا "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىمۇ بىردەك ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇچرىشىشىغا كەڭ ئورۇن بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىندى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىدە دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا خىتايدىكى غايىپلار ئۈچۈن ئاۋاز بولايلى" ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئاپتور فىلىم كايىن ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:

"ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئەگەر پرېزىدېنت ئوباما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دائىر پەقەت بىرلا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئوباما چوقۇم خىتايدىكى غايىب بولغۇچىلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى كېرەك.

2009-يىلى 19-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىمىچىلىق سىياسىتى ئاستىدا رىيازەت چېكىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن 20 نەپەر كىشى كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولمىدى، ئۇلار رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن غايىب بولدى. گەرچە 2010-يىلى يانۋاردا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق سوت تەرىپىدىن سوتلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىگە دائىر تولۇقسىز مەلۇماتلارنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ زادى نېمە بولغانلىقى ھەققىدە ئەنە شۇندىن ئېتىبارەن ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق."

ئاپتور ماقالىسىدە بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇ گەرچە كامبودژادىكى ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇلارنى قوغداش توغرىسىدا خەت چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى "جىنايەتچى" دېيىشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ناۋادا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ھاياتىي خەۋپكە ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى كۆرمەسكە سالغانلىقى ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلۇپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىنلا كامبودژاغا زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

فېئىلم كايىن ماقالىسىنىڭ داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا 2009-يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىز قوغلاپ تۇتۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىنغان.

ئاپتور فېئىلىم بولسا خىتايدىكى بۇنداق مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر يىلى پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭلىغان قارشى پىكىرلىكلەر ۋە ئەرزدارلارنىڭ قانۇنسىز قولغا ئېلىنىپ، قارا تۈرمىلەرگە سولاپ قويۇلىدىغانلىقىنى، گاۋ جىشىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقنى ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئارىدىن 6 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 خىتابنامىسىنىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئاپتور فېئىلىم كايىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇرغان: "ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتايغا ئوخشاش خەلقئارادا ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىر كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھەممە دۆلەتنى سۈكۈتتە تۇرۇشقا كۆندۈرمەكچى بولۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا ئىپادە قىلىشتۇر. ئوباما چوقۇم بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى پۇرسەت بىلىپ خىتاينى ئۇنىۋېرسال ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ خىتايدىكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان 20 ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ."

تۈنۈگۈن خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2010-يىلىنىڭ ئىچىدىلا 376 كىشىگە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت دېلولار سەۋەبلىك جازا بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرمۇ ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىرى ۋە گېزىتلەردە كەڭ يەر ئالدى. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "مۇھاپىزەتچى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە " خىتاي شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشىگە جازا بەردى" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرى ئاۋغۇستتا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبلىك 376 كىشىنى سوتقا تارتىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى، دېيىلگەن. خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋغۇستتىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى دىنىي رادىكالىزم، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە خەلقئارالىق تېررورىزمغا باغلاپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەل-قائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ۋە رايوندا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۇ رايونغا يەرلىك بولغان خەلق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش سىياسىتىدىن ئىنتايىن نارازى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا ئېقىپ كېلىشى نەتىجىسىدە بۇ كىشىلەر رايون نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن ئازىنى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى."

"مۇھاپىزەتچى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرنىڭ داۋامىدا "ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ھازىر ئۆزلىرى ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ ماكاندا چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا" دەپ بايان قىلىنغان بولۇپ، مانا بۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.