زۇلۇمنى ھېس قىلالماسلىق بىر خىل پسىخولوگىيىلىك ھادىسە

تۈنۈگۈن تەيۋەندە 'قىزىل ياكى ئاق تېررورلۇق ئاستىدىكى تەيۋەن' دېگەن تېمىدا بىر ئىلمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تەيۋەننى سۈمۈرۈپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ، دېگەن مەسىلە بۇ سۆھبەتنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولغان.

0:00 / 0:00

تەيۋەن تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرام رىياسەتچىسى ياڭ يۆچىڭ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق كۆز قاراشلارنى تونۇشتۇردى.

ياڭ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن 'قىزىل ياكى ئاق تېررورلۇق ئاستىدىكى تەيۋەن' دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتنى 'شىمال' ناملىق بىر ئىلمىي جەمئىيەت ئۇيۇشتۇرغان. بۇ سۆھبەتكە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەتتە قىزىل ياكى ئاق تېررورلۇقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇھىتىدا پەيدا بولغان دېلولارنىڭ ناھەق دېلو ئەمەسلىرى يوق

خوڭكوڭ 7‏ - ماي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ خادىمى لىڭ ۋېنشيۇ 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇھىتىدا پەيدا بولغان دېلولارنىڭ ناھەق دېلو ئەمەسلىرى يوق، قارىمۇ - قارشى پىكىر قويغان كىشىلەرنىڭ باستۇرۇلمىغانلىرى يوق' دەپ بايان قىلغان ۋە خىتايدا ئۆزى ۋە باشقىلار ئوڭچى' قىلىپ قويۇلغان زامانلاردىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق بۇنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھازىر كوممۇنىزممۇ ئەمەس، سوتسىيالىزممۇ ئەمەس، پەقەت ھوقۇقپەرەس كاپىتالىزم

ۋاشىنگتوندىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى لياۋتەنچى خانىم ' خىتاي ھازىر كوممۇنىزممۇ ئەمەس، سوتسىيالىزممۇ ئەمەس، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت خەلقنى ھەرخىل يوللار بىلەن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان، خەلق تارتقان زىياننى ھەرگىز تۆلەپ بەرمەيدىغان، خەلقنىڭ دەرد ئىپادىلىشىنى چەكلەيدىغان، يۈرگۈزگەن ۋەھشى سىياسەتلىرىنىڭ سىرىنى ئاشكارا قىلغۇزمايدىغان، پەقەت بىر نەچچە لۈكچەكلا دۆلەتتە ئۆزىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان 'ھوقۇقپەرەس كاپىتالىزم' دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەگەر تەيۋەن بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم يولىغا ماڭسا، ئاقىۋىتى خوڭكوڭدىنمۇ يامان

كوممۇنىست پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان لىن باۋخۇئا ئەپەندى 'تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كوممۇنىست پاتىيە بىلەن مىللەتچى پارتىيە ( گومىنداڭ) ھوقۇق تالاشقاندىن باشقا ھەممە تەرىپى ئوخشايدىغانلىقىنى، ئايرىلىپ كەتسە يەنە بىرلىككە كېلىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، كوممۇنىست پارتىيە خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ يولغا قويغان بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم دېگەن سياسەتنىڭ يالغان بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خوڭكوڭلىقلارنىڭ دېموكراتىيە ئەنئەنىسى كوممۇنىست مۇستەبىتلىكىگە ئاسانلىقچە بوي سۇنمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما تەيۋەندىكى ھازىرقى پرېزىدېنت مايىڭجيۇ مىللەتچى پارتىيىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرماستىن، بەلكى شەخسىي ھاكىممۇتلەقلىقىنى يولغا قويىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەن يەنە بۇ يولغا ماڭسا، كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان مىللەتچى پارتىيە ھازىر ھوقۇق تۇتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ يامان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

زۇلۇمنى ھېس قىلالماسلىق كېسىلى

تەيۋەندىكى ۋەنفاڭ روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ مەشھۇر پسىخولوگىيە دوختۇرى پەن جەنججنىڭ بۇ ئىلمىي سۆھبەتتە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تەيۋەنلىكلەردىكى ھازىرقى بىرخىل پسىخولوگىيىلىك كېسەللىك --- زۇلۇمنى ھېس قىلالماسلىق كېسەللىكى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەھلىلى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئۇ مۇلاھىزىسىدە، خۇددى ستوكھولىم شەھىرىدە تۇرغان ئادەم ھامان شۇ شەھەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ئادەتلىنىپ قالىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھادىسە پسىخولوگىيە ئىلمىدە 'ستوكھولىم ھادىسىسى' دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش، تەيۋەندىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ھالدا ئاق تېررورلۇق' يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر مىللەتچى پارتىيىنىڭ سېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمىغا ئادەتلىنىپ قېلىپ، زۇلۇمنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھازىر بۇ مىللەتچى پارتىيە قايتىدىن ھوقۇق تۇتىۋاتقان شارائىتتا، بۇنداق 'ستوكھولىم ھادىسىسى' نىڭ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق شارائىتتا، تەيۋەندە بىرقىسىم كىشىلەردە، تەيۋەنگە كىرىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'قىزىل تەھدىتى' نى سەزمەيدىغان، يەنى زۇلۇمنى ھېس قىلالمايدىغان روھى كېسەللىك بارلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن.